ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى


2006.09.15
mechqit-diniy-erkinlik.jpg
مەلۇم بىر مەسچىتنىڭ تېمىغا چاپلانغان بەلگىلىمە. Chongaytip körüng

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، 2006‏- يىلى ئىچىدە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ياخشىلىنىش كۆرۆلمىگەنلىكى، ئەكسىچە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، گەرچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارغا دىنغا ئىشىنىش ۋە ياكى ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا ئەركىن تاللاش ھوقۇقى تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا، ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىنىڭ سىرتىدا دىنىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇرلارغا چۈشۈۋاتقان دىنىي بېسىم ھەممىدىن ئېغىر

دوكلاتتا يەنە، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن دائىرىنىڭ سىرتىدا دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان ياكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان كىشىلەر ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ تۈرلۈك جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشىغا قارىماي، خىتايدا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. خىتايدىكى دىنىي بېسىم دەرىجىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە بىر خىل ئەمەسلىكى، رايونلارغا قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈستىدىكى دىنىي بېسىمنىڭ تۇڭگان قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:

"ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى خىتاي بولغان تۇڭگانلار ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا دىنىي ئەركىنلىكتىن كۆپرەك بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي توقۇنۇش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، دىنىي پائالىيەتلەر، دىنىي تەلىم-تەربىيلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەسچىت ياساش، دىنىي تەلىم- تەربىيە ھەمدە 18 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئۆگىنىشىنى چەكلىگەن ھەمدە پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرى، مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەسچىتلارغا بېرىپ ئاشكارا ئىبادەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. ۋەھالەنكى تۇڭگانلار ياشايدىغان رايونلاردا بۇنداق چەكلىمىلەر مەۋجۇت ئەمەس ھالبۇكى تۇڭگانلار مەسچىت سېلىش ياكى مەسچىت رېمونت قىلىش ئىشلىرىنى ئەركىن‏ - ئازادە ئېلىپ بارماقتا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 18 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئۆگىنىشى چەكلەنگەن ھالدا، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا 18 ياشتىن كىچىك بالىلار ھېچقانداق توسالغۇسىز دىنىي تەلىم ئېلىپ مەسچىتلەردىكى ئىبادەتلەرگە قاتناشماقتا".

خىتاي دائىرىلىرى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىۋاتىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا، يەنە مۇنداق دېيىلگەن:

"خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ دائىرىلىرى، مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ۋە ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلار بىلەن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلارنى بىر دەپ قاراپ، ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، قولغا ئېلىنغان، تۈرمە جازاسىغا ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق جازاغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېنىقلاش قىيىن".

دوكلاتتا بۇندىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2005 ‏- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان دىنىي باستۇرۇش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2005‏- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

دوكلاتتا شۇنداقلا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىشىلىرىدا بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەمدە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايسنىڭ 2005 ‏- يىلى مارت ئېيىدا خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ مۇھىم تېمىسىنى تەشكىل قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.