ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى


2006.07.13

12‏-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان يىغىنلىرىنىڭ داۋامى. بۇ يىللىق يىغىن بولسا، نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان.

يىغىنغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى خرىستىئانلار، تىبەتلەر، مۇسۇلمانلار ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىمۇ كۆرسىتىلدى. گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى، مۇشۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز پەرىدە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن مەزكۇر يىغىن ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.