دىنىي كىتاب نەشىر قىلدۇرۇش جىنايەتمۇ؟

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2010 - يىلى 19 - نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامە تەييارلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتكەن. بۇ ئەيىپلەشنامىدا ئەخەت ئەمىن، كەرەم ياقۇپ، ئەلى ناسىر، ئەخمەت مەخمۇت، ئابدۇسالام ئەبەيدۇللا، مەمەت يۈسۈپ مەمەت ئېمىن، يۈسۈپ ئابدۇقادىر ۋە ئابلىمىت جېلىل قاتارلىق ياشلار "دۆلەتنى بۆلۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش"، "قانۇنسىز تىجارەت قىلىش" بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-06-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 19 - ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺷﻨﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 19 - ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺷﻨﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېيىپلەشنامىسىدا، ئۇلارنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلغان جىنايىتى مۇنداق يېزىلغان:

2008 - يىلى 11 - ئايلاردىن باشلاپ جاۋابكار ئەخەت ئېمىن، جاۋابكار كەرەم ياقۇپ، ئابدۇرازاق قاسىملار (تۇتۇلمىغان) 32 مىڭ يۈەن ئىقتىساد توپلاپ لەنجۇدىكى ماخاكى بىلەن ئالاقىلىشىپ "ئىبنى كەسىر"، "شېرىن بۇلاق"، "ئىمان ۋە ھايات"، "شارىياتۇل ئىمان"، "ئىسلام ئاساسلىرى"، "ئىسلام دىنى ئاياللارغا نېمە دەيدۇ؟" "ھىجرەت تەسىراتى"، "پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئېكلات تەربىيىسى"، "ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام"، "مۇسۇلمانلار يولى"، "ئىز باسار تۆت خەلىپە"، "تۈزىتىشكە تېگىشلىك چۈشەنچىلەر"، "ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت" قاتارلىق يىگىرمە نەچچە مىڭغا يېقىن قانۇنسىز نەشىر قىلىنغان ئەكسىيەتچىل مەزمۇندىكى كىتابلارنى باستۇرۇپ ئەكىلىپ، جاۋابكار ئەلى ناسىر، جاۋابكار ئابدۇسالام ئەبەيدۇللا، جاۋابكار مەمەت يۈسۈپ مەمتىمىن، سەيپىدىن ئابدۇرازاقلار بىلەن بىرلىشىپ ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق ئورۇنلاردا سېتىپ تارقاتقان.

بىز ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا يۇقىرىدا ئەيىبلەنگەن 7 ئۇيغۇر 3 يىلدىن 10 يىلغىچە ئوخشىمىغان مۇددەتتە تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتايلار ئەكسىيەتچى مەزمۇندىكى كىتابلار دەپ ئەيىبلىگەن كىتابلار راستىنلا "ئەكسىيەتچى" مەزمۇندىكى كىتابلارمۇ؟ بۇرۇنمۇ دىن ھەققىدە كىتاب نەشىر قىلدۇرغانلار تۈرمىگە تاشلىنامتى؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدە "ئىبنى كېسىر" قاتارلىق كۆپ ساندا دىنى ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان مۆمىنجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت