قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى يېڭى دىنىي بەلگىلىمە ۋە نۆۋەتتىكى دىنىي ۋەزىيەت
2005.09.06
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت خاتىپ-ئىماملارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى، ئوبلاستلىق بىرلىكسەپ ۋە دىنىي ئىشلار ئورگانلىرى ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا، پۈتۈن ئوبلاستتىكى بىر شەھەر ۋە 3 ناھىيىنىڭ ھەممىسىدىلا ئېلىپ بارىدىكەن.
بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسىنى نېمە مەقسەت بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئوبلاستلىق ۋە ناھىيىلىك بىرلىكسەپ ۋە دىنىي ئىشلار ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن تېلېفوننى ئالىدىغان كىشى چىقمىدى.
بىز يەنە، ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردىكى نۆۋەتچى خادىم ھۆكۈمەتتىن ئۇلارغا تېخى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ چۈشمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
كېنىشكىسى يوق دىنىي ئۆلىمالارنىڭ دىنىي تەلىم بېرىش ھوقۇقى بولمايدىكەن
قىزىلسۇ ئوبلاستى چىقارغان مەزكۇر تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى بويىچە، ھۆكۈمەت بۇ يەردىكى بارلىق دىنىي ئۆلىمالاردىن يازمىچە ۋە يۈز تۇرانە پاراڭلىشىش ئۇسۇلى بىلەن ئىمتىھان ئالىدىكەن ھەمدە بۇ ئىككىلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرنى، شۇلار قاراشلىق رايونلاردىكى ئاممىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، يېزا-بازارلىق بىرلىكسەپ دىنىي ئىشلار ئىشخانىسى ۋە ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك بىرلىكسەپ دىنىي ئىشلار ئورگانلىرى تەستىقلايدىكەن. شۇنداقلا يۇقىرىقى سىناقلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتكەن ئۆلىمالار ئاخىرىدا يەنە، ئوبلاستلىق بىرلىكسەپ خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشى كېرەك ئىكەن. ئاندىن ئوبلاستلىق ئىسلام جەمىئىيىتى دائىمىي ھەيئىتى ، ئىمتىھان ۋە تەستىقلاشلاردىن ئۆتكەن دىنىي ئۆلىمالارغا دىنىي ئۆلىمالىق لاياقەت كېنىشكىسىنى تارقىتىپ بېرىدىكەن. بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ بىرەرسىدىن ئۆتەلمىگەنلەرگە لاياقەتلىك كېنىشكىسى بېرىلمەيدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ دىنىي تەلىم- تەربىيە بېرىش ھوقۇقى بولمايدىكەن.
گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ئىمتىھان مەزمۇنلىرىنىڭ، خىتاي تارقاتقان "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ۋە "شىنجاڭ تارىخى" كىتابلىرىدىن ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيىدە دىنىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىن بىلەن سىياسەتنى باغلىۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
خىتاي لاياقەتلىك دەپ قارىغان ئىماملارنى مائاش بىلەن تەمىنلەيدۇ
بىزنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى تەۋەلىكىدە ئۇلاپ ئۇرغان تېلېفونلىرىمىزنىڭ بىرى، ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئۆيىگە ئۇلاندى. ئۇ بىزگە، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئانچە خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يەردىكى ئىماملارنى ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلغۇزۇش ئۈچۈن، لاياقەتلىك دەپ قارىغان ئىماملارغا مائاش بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاتاۋۇللا ئەپەندى، مەسچىتكە كىرىش ئۈچۈن ياش چەكلىمىسى قويۇۋېلىشنىڭ ئىسلام دىنىغا خىلاپ بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەسچىتكە كىرگۈچىلەرگە ياش چەكلىمىسى قويۇش ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەشكە ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار سىياسەتلەر ئىسلام دىنىغا يات ئەھۋاللار بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ھەممىسىدە يولغا قويۇلماقتا. شۇنداقلا بۇ يەردىكى خەلقلەر ئامالسىز ھالدا بۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىزىلسۇ ئوبلاستى بارلىق دىنىي ئۆلىمالارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتمەكچى
- بالىلارغا دىنىي تەربىيە بەرگەن ئامىنىخان ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولماقچى
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خادىمى مىندى لايمۇر بىلەن سۆھبەت
- ئايالىنى قوغداش ئۈچۈن يېزا كادىرىنى ئۆلتۈرگەن ياش، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن