ساقچىلار ئەرزدار ھېكىم سىيىت بىلەن ئەرزىدىن ۋاز كېچىش ھەققىدە سودىلاشماقتا

ھېكىم سىيىتنىڭ ئەرزى ئىككى ۋەقە ھەققىدە ؛ بىرى يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ مەجبۇرىي جياڭدۇ تېرىش پىلانى سەۋەبلىك 50 مىليون يۈەن زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، يەنە بىرى بولسا دېھقانلارنىڭ دەردىنى يۇقىرىغا ئىنكاس قىلغىنى سەۋەبلىك ساقچىلار تەرىپىدىن 15 كۈن قاماپ قويۇلغانلىقى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-02-05
Share
Dixan-Awaz-Hekim-S-305 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ، ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻫﯧﻜﯩﻢ ﺳﯩﻴﯩﺖ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

يەنى ھېكىم سىيىتنىڭ ئەرزىدە جاۋابكار ئىككى: بىرى ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى يى شياۋلياڭ، يەنە بىرى يېڭىسار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى. ھېكىم سىيىت مانا بۇ ئىككى مەسىلە ئۈستىدە ئەرز سۇنۇۋاتقىنىغا 2 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن ھېچكىم ئۇنىڭ ئەرزىگە قۇلاق سالماي كەلگەن.

پەقەت ئىككى ھەپتىدىن بېرى، يەنى ئۇنىڭ " يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس" ناملىق شىكايەت فىلىمى ئىنتېرنېت ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن بۇيان ، ساقچىلار ئۇنى چاقىرىپ دەسلەپ تەربىيە بېرىشكەن، كېيىن ئەرزىدىن ۋاز كېچىش ھەققىدە سودىلىشىشقا باشلىغان. ساقچى تەرەپ ھېكىم سىيىتقا بىر قورو جايلىق يەر كۆرسىتىپ بەرگەن ھەم ئانىسى ئولتۇرۇۋاتقان قورونى رېمونت قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھېكىم سىيىت مەسىلىنىڭ بۇ خىل ھەل بولۇشىغا رازى ئەمەس، ئۇ جايلىق يەردىن قۇرۇق قالسىمۇ، ئانىسىنىڭ ئۆيى رېمونتسىز قالسىمۇ رازى ئەمما، دېھقانلارنىڭ 50 مىليون يۈەنلىك زىيىنى سوراقسىز قالماسلىقى كېرەك.

شۇڭا ھېكىم سىيىت ساقچىلار ئۈستىدىكى ئەرزىدىن، يەنى ئۆزىنىڭ 15 كۆن ناھەق قاماپ قويۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئەرزىدىن ۋاز كېچەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما دېھقانلار تارتقان زىيان ئۈستىدىكى ئەرزىدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھېكىم سىيىت ئىككى يىلدىن بېرى بارلىق مال - مۈلكىنى مەزكۇر ئەرز ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان. ئۇ قولىدا قالغان ئاخىرقى بىساتىنىمۇ يەنە بۇ ئىش ئۈچۈن سەرپ قىلماقچى.

يۇقىرىدا بىز سىلەرگە يېڭىسار ساقچىلىرىنىڭ دېھقان ئەرزدار ھېكىم سىيىتنى ئەرزىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سودىلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت