
مەركىزى خوڭكوڭدىكى جۇڭگو دېموكراتىيە - كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ كۈيتۈڭ شەھىرىدىكى 127 - پولكىغا تەۋە سۇشىڭتەن دېگەن يېزىسىدا خىتاي دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 40 چە ئادەم يارىلانغان ھەمدە 25 ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بىڭتۇەندە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكى زىددىيەتلەر تۈپەيلى توقۇنۇشلار كۆرۈلمەكتە.
ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۇشى
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن خىتاي قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دىۋىزىيىلىرىنىڭ دېھقانلىرى، پاختا بازىلىرىدا ئالدىراش پاختا يىغىش ۋە يىغقان پاختىلىرىنى سېتىش بىلەن مەشغۇل . شۇنداقلا بۇ مەزگىل پاختا بازىرىدىكى ئەڭ كۆپ كىرىم قىلىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.
بىڭتۇەن 7 - دىۋىزىيە 127 - پولكىغا تەۋە 250 مىڭ مو كېۋەزلىك ئاساسەن ھۆددىگەرلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ پاختا تېرىشنىڭ ھازىرقىدەك ئالدىراش مەزگىلىدە بۇ جايدا 15مىڭغا يېقىن دېھقان پاختا يىغىشقا قاتنىشىدۇ.
بۇ يىل پاختا باھاسى ياخشى ئۆرلىگەن بولۇپ ئەسلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەر بىر جىڭ پاختىنىڭ باھاسى 6 سوم 70 تىيىن قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ، ئەمما بۇ تۆۋەندىكى كېۋەزلىكلەرنى ھۆددىگە ئالغان ھۆددىگەرلەر 9- ئايدىن باشلاپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا سىرتقا پاختا يۆتكەپ سېتىشىنى چەكلەپ دېھقانلارنىڭ پاختىسىنى ئەسلى توختامدىكى باھادىن ئىككى سوم يىگىرمە تىيىن چۈشۈرۈپ ، ھەر جىڭىنى تۆت سوم ئەللىك تىيىندىن مەجبۇرىي ئالماقچى بولغان. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلاردا نارازىلىق قوزغالغان ھەم ھۆددىگەرلەر پاختا سېتىپ بېرىشكە قوشۇلمىغان. يەرلىك ساقچىلار ھۆددىگەرلەر ماسلىشىپ مەزكۇر پولك دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزلىرىدا توساقلارنى قۇرغان ، ساقچىلار يەنە كېچىسى ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان .
خوڭكوڭدىكى جۇڭگو دېموكراتىيە - كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،127 -پولك دېھقانچىلىق مەيدانىدا، بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا دەل پاختا باھاسىدىكى تالاش - تارتىش سەۋەبلىك ئېغىر توقۇنۇش يۈز بېرىپ 40 تەك كىشى يارىلانغان.
ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 22 - سېنتەبىر يېتىم كېچىدە پاختىنى ئەرزان سېتىشقا نارازى بولغان يۈزدىن ئارتۇق دېھقان ئامما 7 - دېۋىزىيىنىڭ سۇشىڭتەن ساقچى پونكىتىغا، تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن . ئەمما ناھايىتى تېزلا ساقچى پۇنكىتىدىكى يۈزدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ ئوتتۇز نەچچىسى ئېغىر يارىلانغان .
ئەتىسى يەنى 23 - سېنتەبىر كۈنى پاختىكار دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى يەنىمۇ ئۇلغىيىپ مىڭدىن ئارتۇق ئامما سۇشىڭتەن ساقچىخانىسىغا قايتا باستۇرۇپ كىرگەندە بولسا ، ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ ئاز دېگەندە يىگىرمە بەش كىشى قولغا ئېلىنغان . گەرچە ئۇلار 25 - سېنتەبىر قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ، ھازىرغا قەدەر يەنە ئىككى نەپەر قارشىلاشقۇچى دېھقاننىڭ ئىز دېرىكى بولمىغان. .
دېھقانلار ساقچى ئەسلىھەلىرىنى، بىر ساقچى ماشىنىسىنى زىيانغا ئۇچراتقان
رويتېرىست ئاخبارات ئاگېنتلىقىمۇ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە 4 - ئۆكتەبىر خەۋەر ئېلان قىلدى.مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە ،سۇشىڭتەندىكى ھۆددىگەرلەر بىلەن ساقچىلار زومىگەرلىك قىلىپ دېھقانلارنىڭ قولىدىكى پاختىنى ، توختامدىكى باھادىن تۆۋەن پۇل بىلەن ئېلىۋالماقچى بولغاندىن كېيىن پاختىكارلارنىڭ غەزىپى قوزغالغان . دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىپ يېزىدىكى ساقچى پونكىتى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ھەم ساقچى ئەسلىھەلىرىنى، بىر ساقچى ماشىنىسىنى زىيانغا ئۇچراتقان.
مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن 127 - پولك مەيدانىدىكى بىر دېھقان ئايالنىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە ، توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ، بىر يەرلىك دېھقاننىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەب بولغان.
" بۇ خىل ۋەقەلەر مەخپىيەتلىككە كىرىدۇ "
بىز مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش مەقسىتىدە 127- پولك دېھقانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ، ئۇلار ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. توقۇنۇش يۈز بەرگەن سۇشىڭتەن ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، بىر خىتاي ساقچى تېلېفوننى ئېلىپ دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر توقۇنۇش ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل ۋەقەلەر مەخپىيەتلىككە كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن باشلىقلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئالدىغا بىر نېمە دىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە شۇنچە كۆپ ئادەم يارىلىنىشتەك ئېغىر ۋەقە ھەققىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دېۋىزىيىسى جامائەت خەۋەپسىزلىك باش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرى بار - يوقلۇقى ، مەزكۇر مەسىلىنى ئۇلار قانداق ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر ئورگان ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق.
تېلېفوننى ئالغان كىشى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن بىرەر مىنۇت ساقلىتىپ قويدى ۋە ئاخىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ تەستىقىسىز ۋەقە ھەققىدە بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ھەمدە ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خوڭكوڭدىكى جۇڭگو دېموكراتىيە - كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئەسكەرتىشىچە ،كۈيتۇنگە جايلاشقان بىڭتۇەن 7 - دىۋىزىيە 127 - پولكتىكى دېھقان ئاممىنىڭ نارازىلىقى تېخى بېسىقمىغان بولۇپ ، دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش تېخى پۈتۈنلەي ھەل بولۇپ كېتەلمىگەن. (گۈلچېھرە)