خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى دېھقانلارنىڭ يەر قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى ئىككىنچى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتى دەپ قارالماقتا


2007.12.11

خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇجىن شەھىرىدىكى 72 كەنتتە 40 مىڭ دېھقان 12 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى، ئۆزىنىڭ يەر-زېمىنغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە 6 ماددىلىق بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتا 1994 ‏- يىلىدىن بۇيان 'دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى' دېگەن نام بىلەن تۆۋەن باھادا ئىگىلىۋېلىنغان بىر مىليون 500 مىڭ مو يەر كەنتتىكى بارلىق دېھقانلارغا قايتىدىن تەقسىملەپ بېرىلىدۇ، يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دېھقانلارنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ، يەر-زېمىن دېھقانلارنىڭ ھاياتلىقىنىڭ يىلتىزى، دېھقانلار زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلالىغاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ، دۆلەتمۇ تىنچ بولىدۇ، دەپ جاكارلانغان. بۇ باياناتتا يەنە، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بىلە تىل بىرىكتۈرۈۋالغان كەنت باشلىقلىرى كەنت پۇقرالىرى چوڭ يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش شەكلىنى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ پۈتۈن مەملىكەتتە 'دۆلەت'، 'كوللېكتىپ' دېگەن ناملار بىلەن ئۆزلىرى 'يەر ئىگىسى' بولۇۋالغان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىدىن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، دېھقانلارغا بىردەك تەقسىم قىلىپ بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان (كۆزىتىش ژۇرنىلىنىڭ 12 ‏- ئاينىڭ 10 كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ).

خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇجىن شەھىرىدىكى 72 كەنتتە 'ئىككىنجى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتى' باشلىغان 40 مىڭ دېھقاننىڭ ۋەكىلى يۈ چاڭۋۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا "ئەسلىدىكى يەر خەتلىرى قولىمىزدا بار، بۇ زېمىن بىزنىڭ" دەپ سۆزنى باشلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يەر ئىشلىتىش جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بار، يەرنى بېرىش ياكى بەرمەسلىكنى كەنتتىكى %60 دىن ئارتۇق دېھقان بەلگىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ جايدىكى بىر مىليون 500 مىڭ مو يەرنى ھېچكىمدىن سورىماي، بەرسەڭمۇ بېرىسەن، بەرمىسەڭمۇ ئالىمىز دەپ ئېلىۋالدى. بىز ئۆلكىگىمۇ باردۇق، مەزكەزگىمۇ باردۇق، ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى، ئاخىر بىز مەركەزنىڭ ھۆججىتىگە، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ سۆزىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن كەنت ئەمەلدارلىرىنى مەنسەپتىن قالدۇرىۋەتتۇق. ھازىر قايتىدىن يەر تەقسىم قىلىش باشلاندى.

خېيلوڭجياڭ دېھقانلىرى ياراتقان ئۇلۇغ ئۈلگە

خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇجىن شەھىرىدىكى 72 كەنتتە يۈز بەرگەن دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى 'دېموكراتىيە مۇنبىرى' دېگەن تور گېزىتىدە 12 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا 'ئۇلۇغ دېھقانلار ھەرىكىتى' دەپ ئاتالدى. بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، پارىخور كوممۇنىستلار دېھقانلارنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ مۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقتىن، دېھقانلار قېرىغاندا ئۆزىنى بېقىش، داۋالىنىش، مائارىپ قاتارلىق مەنپەئەتلىرىدىن تامامەن مەھرۇم قالدى.

خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى 800 دېھقان 12 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنىدىن باشلاپ، كەنت يىغىنى ئېچىپ كەنت ئەمەلدارلىرىنى مەنسەپتىن قالدۇرۇپ، قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى دېھقانلارنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە باشلىدى. ئۇلار دېھقانلار يىغىنىدا "يەر بىزنىڭ، قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىمىز' دەپ خىتاي قىلدى. بۇ خېيلوڭجياڭدىكى دېھقانلار ياراتقان بىر ئۇلۇغ ئۈلگە.

كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار

دۆلەت كابىنىتى تەتقىقات ئىشخانىسى 2006 ‏- يىلى 7 ‏- ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا،‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ بۇ ئوبزوردا، ‏-‏جېجياڭ، جياڭسۇ، شاڭخەي، سەندۇڭ، گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت بەش ئۆلكىدە نازارەت باشلىقى دەرىجىلىك كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق، مۇكاپات دېگەندەك باشقا قوشۇمچە تاپاۋەتلىرىنى قوشقاندا 550 مىڭ يۇەندىن 1 مىليون 50 مىڭ يۇەنگىچە. ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ يىللىق كىرىمى بىر مىليون 250 مىڭ يۇەندىن ئىككى مىليون 500 مىڭ يۇەنگىچە.

ئۇلار ئادەتتە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرىنىڭ توك، گاز سەرپىياتى ئۈچۈنلا 250 مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بولسا ئالىي مىھمانخانىلاردا دۆلەت پۇلى بىلەن مېھمان قىلىدۇ. بۇنداق ئادالەتسىزلىك ئالدىدا جېنىدىن جاق تويغان دېھقانلار 'يەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئالىمىز"، "بىزگە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئەمەس، يەر كېرەك" دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مەشئەل ئەمدى پۈتۈن مەملىكەتتە يېنىشى مۇمكىن.

خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بۇ باياناتىنى خەلقئارادىكى خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر خىتايدا باشلانغان ' ئىككىنچى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتى' دەپ ئاتىماقتا. بۇرۇن كوممۇنىست پارتىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا 'يەر ئىسلاھاتى' ئېلىپ بېرىپ، يەر-زېمىننى خەلقتىن تارتىۋالغان بولسا، بۇ قېتىم تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتا يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئۆزىنىڭ يەر زېمىنىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى كوممۇنىست پارتىيىدىن قايتۇرۇۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

تىنچ يول ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت پۈتۈن مەملىكەتتە قوللاشقا ئېرىشىدۇ

'چوڭ پايدىلىنىش خەۋەرلىرى'نىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي ئوبزورچى ۋۇ فەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنىۋاتقان دېھقانلار بىرلىشىپ كەنت ئەمەلدارلىرىنى مەنسەپتىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئۆزىنىڭ يەرگە بولغان ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى بىر ياخشى چارە. كوممۇنىست ساقچىلىرى زوراۋانلىق قىلسا ئۇنى سىنئالغۇغا ئېلىپ دېھقانلارغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەر مەسىلىسىدە ۋەدە بەرگەن ۋېن جاباۋغا كۆرسىتىش كېرەك، دۇنياغا ئېلان قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.