شەنشى ئۆلكىسىدە 70 مىڭ دېھقان يەرگە ئۆزى مەڭگۇ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2007.12.14

12 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇجىن شەھىرىدىكى 72 كەنتتە 40 مىڭ دېھقان ئاۋاز قويۇپ كەنت ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ، 'دۆلەتنىڭ' ياكى 'كوللېكتىپنىڭ' دېگەن نام بىلەن تارتىۋېلىنغان يەرلەرنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى، ئۇنى ھازىر دېھقانلارنىڭ ئۆزىگە قايتىدىن تەقسىم قىلىشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن 4 كۈن ئۆتكەندە، 12 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ دالى، خۇئايىن، توڭگۇئەن ناھىيىلىرىدىكى 76 كەنتتە 70 مىڭ دېھقان ئىنتېرنېتتە بايانات ئېلان قىلىپ، كوممۇنىستلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى مەڭگۇ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يەتمىش مىڭ دېھقان 'دېھقانلار ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆزى مەڭگۇ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يىلتىزى بولغان يەر-زېمىنگە تايىنىپ، مائارىپ، داۋالىنىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆزلىرى قۇرۇپ چىقىدۇ" دەپ جاكارلىدى.

خۇئايىن ناھىيىسىدىكى دېھقان ۋەكىلى جاڭ سەنمىن "بىز چوقۇم يەرلەرنى ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىگىچە تەقسىم قىلىپ بېرىمىز " دېدى

شەنشى ئۆلكىسىدىكى 76 كەنتتىكى 70 مىڭ دېھقاننىڭ ۋەكىلى دېيىلگەن كىشىلەر ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان تېلېفون نومۇرلارغا ئاساسەن ئالاقە قىلغىنىمىزدا، خۇئايىن ناھىيىسىدىكى دېھقان ۋەكىلى جاڭ سەنمىننىڭ تېلېفونى ئۇلاندى. گەرچە تېلېفونغا كاشىلا قىلىۋاتقان غەيرى ئاۋازلار كۈچلۈك بولسىمۇ، يەنىلا سوئال -جاۋابلارنى ئوز-ئارا چۈشىنىشكە مۇمكىن بولدى. بۇ كىشى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالدى. ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ "تېلېفوندا سىگنال ناچار... باياناتىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى گېزىتخانىلارغىمۇ ئەۋەتتۇق... تېلېفونلار كەلدى... ھازىر ھۆكۈمەت تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.... مەن سىزگە دەپ قوياي... بىز چوقۇم يەرلەرنى ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىگىچە تەقسىم قىلىپ بېرىمىز... دېھقان دېگەن يەر تېرىيدۇ... يەردە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى يوق... دېھقاننىڭ يېرىنى باشقىلارغا بېرىۋېتىش مۇۋاپىق ئەمەس... ھازىر دېھقاننىڭ تېرىيدىغان يېرى يوق... ئەمدى دېھقانلار ھوقۇقنى قايتۇرۇۋالىمىز.... بۇ مەسىلىدە ھەممە دېھقاننىڭ گېپى بىر... باياناتقا ھەممە ئائىلە ئۆزى ئىمزا قويغان... خەير خوش" ! دېدى.

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشىغا مەسئۇل بىر خادىمى يەرلىك ئەمەلدارلارنى پاش قىلدى

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ سەنمېنشا سۇ ئامبىرى رايونىدىن كۆچۈرۈلگەن كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە مەسئۇل ئەمەلدارلاردىن لى ۋەنمىننىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1986 ‏- يىلى سۇ ئامبىرى رايونىدىن كۆچۈرۈلگەن دېھقانلار ئۈچۈن 300 مىڭ مو يەر بۇيرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ يېرىمىنى دېھقانلارغا بەرمەي، ئۆزلىرى ئىجارىگە بېرىپ، سۆيۈنچە ئېلىپ تاپاۋەت قىلىشقا باشلىغان. دېھقانلارغا بېرىلگەن يەرلەرنىمۇ، ھەرخىل نام بىلەن بەش قېتىم 'كۆتۈرە' گە بېرىش جەريانىدا يەنە، دېھقانلاردىن ھەربىر مو يەر ئۈچۈن 400 يۇەندىن 600 يۈەنگىچە پۇل يىغىۋالغان.

يەتمىش مىڭ دېھقاننىڭ باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ دالى، خۇئايىن، توڭگۇئەن ناھىيىلىرىدىكى 70 مىڭ دېھقاننىڭ باياناتىدا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 ‏- يىللىرىدا بىنا قىلىنغان سەنمېنشا سۇ ئامبىرى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ 800 مىڭ مو يېرىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى؛ يەرسىز قالغان دېھقانلار ئۇدا 30 يىل دەۋا قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت 80 ‏- يىللاردا ئۇلارغا 300 مىڭ مو يەر بۇيرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن 150 مىڭ مو يەرنى يەرلىك ئەمەلدارلار شەخسى ئىگىلىۋېلىپ، ھەر يىلى 40 مىليون يۇەندىن 60 مىليون يۈەنگىچە تاپاۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى؛ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرنى دېھقانلار قايتۇرۇۋېلىپ، ئۆزلىرى مەڭگۇ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقى؛ سۇ ئامبىرى رايونىدىن كۆچۈرۈلگەن دېھقانلار ئۈچۈن، نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت چۈشۈرۈپ بەرگەن مىليارد خانىلىق ساندىكى پۇلنىڭ ھېسابىنى خىيانەتچىلەردىن ئالىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

خېيلۇڭجياڭدا 40 مىڭ دېھقان بىر نىيەتكە كەلگەن جايدا ھۆكۈمەت ئادەم تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان

'كۈزۈتۈش جۇرنىلى'دا 12 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىككىنجى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتى دەۋرى يېتىپ كەلدى' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىشىچە، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇجىن شەھىرىدىكى 72 كەنتتە 40 مىڭ دېھقان يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئۆزى مەڭگۇ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دېھقان ۋەكىلى يۈ چاڭۋۇنى شەھەرگە بىر نەرسە ئالغىلى كىرگەندە تۇتۇۋېلىنغان. ئۇنىڭ كەنتلەر بىلەن ۋە ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغان. ئۇنىڭ خوتۇنى رادىئومىزنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نىيەت - بىر مەقسەتكە كېلىپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداۋاتقان 72 كەنتتىكى 40 مىڭ دېھقان بار جايلارغا تېخى ساقچى ئەۋەتمىگەن ياكى دېھقانلارنىڭ ۋەكىللىرىنى 40 مىڭ دېھقان بار جايدا تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان. بۇ كەنتلەردىكى ھەممە ئادەم ھازىر جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويغان.

20 يىللىق ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا دېھقانلار 3 تىرىليون 900 مىليارد يۈئەنلىك مۈلۈكتىن مەھرۇم قالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 1979 ‏- يىلىدىن 2003 ‏- يىلىغىچە بولغان 20 يىللىق ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا سانائەتلەشتۈرۈش دېگەن نام بىلەن ئىگىلىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەر سانى تەخمىنەن يۈز مىليون مو. يېقىنقى 4 يىل ئىچىدىلا سودىگەرلەر ئىگىلىۋالغان يەر سانى 30 مىليون مو. ھەربىر مو يەرنى 30 مىڭ يۇەندىن ھېسابلىغاندا دېھقانلار مۇشۇ 20 يىل ئىچىدە 3 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنلىك مۈلۈكتىن مەھرۇم قالدى. بۇ دېھقانلار نامراتلاشقانلىقىنىڭ بىر مۇھىم ئامىلى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.