ئالدىنقى كۈنى، You Tube تور بېتىدە، ياپونىيىلىك بىر مۇخبىرنىڭ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ خاتىرىدە، دېھقانلار ئۆزلىرى يولۇقىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەقسىزلىقلار ھەققىدە شىكايەتلىرىنى بىلدۈرگەن. شىكايەتتىكى دىققەتكە تېگىشلىك بىر نۇقتا، دېھقانلار ئەھۋاللىرىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە يەتكۇزۇلمەيۋاتقانلىقى، بۇ ھەقسىزلىقلاردىن مەركەزنىڭ خەۋەرسىزلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ ھەر ۋاقىت خىزمەتلىرىدىكى مەلۇم بىر خاتالىق بايقالغاندا، يەنى يوشۇرغىلى بولمايدىغان باسقۇچقا كەلگەندە، مەركەزنىڭ سىياسىتى تۆۋەندە توغرا ئىجرا قىلىنماي قالدى دەپ سەۋەپ كۆرسىتىدۇ، يەنە بەزى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۈزىتىۋاتقان چەت'ئەللىك كۆزەتكۈچىلەرمۇ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات تىرىشچانلىقىغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. يەنە بەزى چاغلاردا " مەركەز ئاق يەرلىك قارا"، "يەرلىك زالىم، مەركەز ئامالسىز" قېلىۋاتقاندەك بىر ۋەزىيەتتىن سۆز ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ تېما ئۈستىدە، كانادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ئەرچىن ئابدۇۋېلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
" كۆرمەيۋاتىدۇ ئەمەس، كۆرمىگەنگە سېلىۋاتىدۇ"
شۆھرەت: سىزنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى مەسىلىلەردە، مەركەزنىڭ سىياسىتى تۆۋەندە توغرا ئىجرا قىلىنمىدى دەپ مەسئۇلىيەتنى يەرلىككە ئارتىشىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
ئەرچىن: ئاساسى يوق،چۈنكى خىتاي ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا، تۆۋەن يۇقىرىغا بويسۇنىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەركەز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتنى، تەيىنلەش ھوقۇقىمۇ، ئېلىپ تاشلاش ھوقۇقىمۇ مەركەزدە؛ شۇڭا مەركەزنىڭ سەۋەنلىكنى تۆۋەندە دەپ كۆرسىتىشى، پەقەت بىر خاتالىق يوشۇرغىلى بولمايدىغان، پەدەزلىگىنى بولمايدىغان بىر باسقۇچقا كەلگەندە، جامائەت پىكرىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر چارە. ئەمەلىيەتتە بۈگۈنگە قەدەر،مەركەزنىڭ سىياسىتىنى توغرا ئىجرا قىلمىغان دەپ جازالانغان بىر ئەمەلدارمۇ يوق. مەسئۇلىيەت مەركەزدە بولغاچقا بىرەر رەھبىرىي كادىر خاتالىشىپ قالسا ئورنىنى يۆتكەپ قوپۇدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆستۈرۈپ يۆتكەيدۇ. شۆھرەت: سىزچە يۇقىرىدا بىز ئاڭلىغان شىكايەتلەردىكى مەسىلىلەردىن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خەۋەرسىز بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
ئەرچىن: خەۋەرسىز ئەمەس، كۆز يۇمۇپ تۇرىۋاتقان گەپ. چۈنكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسى غايىسى مۇقىملىق، يەنى خىتاينىڭ پۈتۈنلىكى؛ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىدىن قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچ-يالىڭاچ قېلىشى ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللىي، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ قېلىشى؛شۇڭا ئەگەر مەركەز نۆۋەتتىكى ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارغا زۇلۇم سېلىشىنى خاتا دەپ قارىسىمۇ ئەپۇ قىلىدۇ؛ چۈنكى خىتاي ئاشكارا ھالدا "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشۈدۇ" دېيىكلىك. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە، مەركىزى ھۆكۈمەت، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلقتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مەنپەت مۇناسىۋىتىدە.
شۆھرەت: دېمەكچى بولغىنىڭىز مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئارىسىدا مەنپەت ئورتاقلىقى بار؛ خەلقنىڭ بولسا ھەر ئىككىسى بىلەن ئورتاق مەنپەئەتى يوق؛ شۇنداقمۇ؟
ئەرچىن: دەل شۇنداق. يەرلىك ھۆكۈمەت مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قانىتى (ھىمايىسى) ئاستىدا. خەلق بولسا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاپىنى ئاستىدا.
"مەركىزىي ھۆكۈمەت زۇلۇمنى پىلانلىغۇچى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئىجرا قىلغۇچى"
شۆھرەت: كونكىرىت بىر مەسىلە ئۈستىدە توختىلايلى: نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىددىي مەسىلىلەردىن بىرى قىزلار مەسىلىسى، يەنى 18 - 25 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش مەسىلىسى.بۇ ئەھۋالنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر دېھقانلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بايانات بېرىپ، قىزلارنىڭ ئىچكىرىگە يۆتكۈلۈش ئەھۋالى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەمما، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش دەپ بىر سىياسىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى، بۇ ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئارتىش شەپىسىنى بەردى. سىزنىڭچە قىزلار مەسىلىسىدە مەركەزنىڭ جاۋابكارلىقى يوقمۇ؟
ئەرچىن: ئېنىقكى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مۇھىتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى؛ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ئەمەس، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىي سىياسىتى؛ شۇڭا قىزلار مەسىلىسىدە، جاۋابكارلىق يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئوخشاش، ھەتتا كۆپرەك مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىدە. ئەگەر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا ئىش تېپىپ بېرىش دېگەن باھانىسىنى راست دەپ چۈشەنسەكمۇ، شەرقى تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەركىزى ھۆكۈمەت. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدىمۇ مەسئۇلىيەت مەركىزى ھۆكۈمەتتە. قىسقىسى نۆۋەتتىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، مەيلى يەرلىك، مەيلى مەركەز، مەيلى ئاساسى قاتلام بولسۇن، ئۇلار بىر پۈتۈن ۋۇجۇد، شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈستىدە يۈرگۈزىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ھەممىسىدە بۇلارنىڭ شېرىكچىلىكى بار.
شۆھرەت: دېمەك، مەيلى يەرلىك ھۆكۈمەت بولسۇن مەيلى مەركىزى ھۆكۈمەت بولسۇن، ماھىيىتى ئوخشاش زوراۋانلىق دەپ قارايدىكەنسىز، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ زوراۋانلىق مېتوتىدا پەرق بارمۇ؟
ئەرچىن: نەزەرىيە ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن پەرق يوق. ئەمما مەركەزدىكى كادىرلار، كۆپرەك تەلىم-تەربىيە كۆرگەن، ئۇلار زوراۋانلىقىنى پەردازلاپ قوللىنىدۇ؛ ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ئاز ئوقۇغان ياكى ھىچ ئوقۇمىغان،شۇڭا زوراۋانلىقنى پەدەزلەپ ئولتۇرمايدۇ يالىڭاچ قوللىنىدۇ. پەدەزلىسۇن-پەدەزلىمىسۇن زوراۋانلىق زوراۋانلىقتۇر، زۇلۇم زۇلۇمدۇر.
بۇ تېمىدا يەنە، 1990 -يىلى قانلىق باستۇرۇلغان بارىن ئىنقىلابىنىڭ، باستۇرۇلۇش ئەمرىنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتۈش زۆرۈردۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)