
ياپونىيىلىك مۇخبىر مورلېي روبېرتسون ئەپەندىنىڭ YouTube تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ شىكايىتىدە، دېھقانلارنىڭ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش - سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئېلىپ بارالمايدىغانلىقى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چوقۇم ھۆكۈمەت كۆرسىتىپ بەرگەن شىركەتلەرگە سېتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى، ئىككى كۈن ئاۋۋال، خىتاي پروفېسسور يۇەن خۇڭبىڭ، ياۋروپا پارلامېنتىغا يوللىغان ئىسپات خېتىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ خىتاي بەرپا قىلغان ئەركىن بازار ئىگىلىكىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھوقۇقدارلار گۇرۇھىنىڭ ئەركىن بازىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ بازار سېستىمىسىنىڭ ھوقۇقدارلار ۋە كۆڭۈل يېقىنلىرى ئۈچۈنلا مەنپەئەت يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەققىنى بۇلاپ - تالاۋاتقان شىركەتلەر ھۆكۈمەتكە باج تۆلىمەيدۇ
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ شىكايىتىنى رادىئومىزدىن ئاڭلىغان، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىم، ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە يۇرتداشلىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. گۈلشەن خانىم غۇلجىدا ئاخبارات ساھەسىدە 14 يىل مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن.
گۈلشەن خانىم ۋاڭ لېچۈەننىڭ قانىتى ئاستىدا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەققىنى بۇلاپ-تالاۋاتقان بۇ شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە ھېچقانداق باج تۆلىمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. گۈلشەن خانىم يەنە، ئەمدىلا چىقىش يولى تاپقان بىر قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ۋاڭ لېچۇەننىڭ يۇرتداشلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقىنىغا ئائىت بىر مىسال كەلتۈردى.
"ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىۋاتىدۇ"
بېيجىڭدىكى ئادۋوكاتلاردىن مۇ شاۋپىڭ يېقىندا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان دېھقانلارنىڭ، دۇنيادىكى ئۇچۇر- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەسىرى بىلەن قانۇنىي ئېڭىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرى يولۇققان ھەقسىزلىقلارنى بايقاش قابىلىيىتى ۋە ئۇنى پاش قىلىش جاسارىتىنىڭ يېتىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن ئىدى:"خەلق ئىچىدە كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ ئۆسۈپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىۋاتىدۇ، خەلقتىن بەزىلەر، تەشۋىقات يولى بىلەن، بەزىلەر زوراۋانلىق يولى بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. تەشۋىقات يولىنى تاللىغانلار دۆلەت ئاخباراتلىرى قارشى پىكىرگە ئورۇن بەرمىگىنى ئۈچۈن، ئىنتېرنېت ياكى چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋاستىسى بىلەن نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ."
"ھاشار مەسىلىسى تۇنجى قېتىم ئەمەلىي پاكىت بىلەن پاش قىلىندى"
YouTube تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاسى، مۇ شاۋپىڭ تىلغان ئالغان ھەق-ھوقۇق ئىزدەش جاسارىتىدىكى يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدىمۇ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مانا بۇ ۋەزىيەتتىن مەمنۇن بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىبى ئالىم سېيىتوف، يىللاردىن بېرى، خىتاي ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان ھاشار مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەلىي پاكىت بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.
گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىمنىڭ پىكرىچە، مەسىلىلەرنى پاش قىلىش ۋە ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش يوللىرىدىن پەقەت بىرى، ئەمما ھەممىسى ئەمەس. ( شۆھرەت ھوشۇر)