خىتايدا دېھقانلار قارشىلىق ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن يەنى 20 ‏- دېكابىر كۈنى، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭجۇ يېزىسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار، يەرلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا سەۋەب بولغان خۇڭخەيۋەن ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. ھەرىكەتكە يېزىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يۈزدىن ئارتۇق دېھقان قاتناشقان. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، 1000 دىن ئارتۇق خىتاي ئامانلىق ساقلاش ۋە قوراللىق قىسىم ساقچىلىرىنىڭ قورشاۋىغا دۇچ كەلگەن. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، قارشىلىق ھەرىكىتىنى بېسىقتۇرغان.

خىتاي دېھقانلىرى بىلەن قوراللىق قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن

خۇڭخەيۋەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى2005 ‏- يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش دۇڭجۇ يېزىسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەردىن ۋە بىر قىسىم بېلىقچى ئائىلىلەرنىڭ بېلىق كۆلىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى 10 مىڭغا يېقىن دېھقان، قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ۋەقە جەريانىدا دېھقانلار بىلەن قوراللىق قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 3 ئادەم ئۆلگەن، 6 كىشى قولغا ئېلىنغان.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، مەزكۇر قۇرۇلۇش مەجبۇرىي ھالدا باشلانغان ئەمما قۇرۇلۇش داۋام قىلىش جەريانىدا دېھقانلارمۇ قارشىلىق ھەرىكىتىنى توختاتمىغان. قارشىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا يالغۇز ساقچى قىسىملىرىلا ئەمەس، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچى قارا جەمئىيەت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. بۇ قېتىمقى قارشىلىق، قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىش ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن دۇڭجۇ يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كوچا دوقمۇشلىرىغا نۆۋەتچى ساقچى قويۇلغان.

دېھقانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى، 16 ‏- دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ جىېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۈېچېڭ يېزىسىدىمۇ يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقەمۇ، يۇېچېڭ يېزىسىدا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېچىۋىتىلگەن رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ يېرىنى تارتىۋالغانلىقى ۋە زىياننى يېتەرلىك دەرىجىدە تۆلەپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن كېلىپ چىققان. بۇ ۋەقەدىمۇ دېھقانلاردىن 12 سى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىدار قىلىنغان، 6 نەپىرى قولغا ئېلىنغان.

يۇقۇرىقىدىن باشقا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە، ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندە شەنشى ئۆلكىسىدە خىتاي دېھقانلىرىنىڭ يەر مەسىلىسى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

" خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقانلار ئۇيغۇر دېھقانلىرى "

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دېھقانلىرى يولۇققان يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلە.

ئۇيغۇر دېھقانلىرى يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ دائىرىسى خىتاي دېھقانلىرىنىڭكىگە نىسبەتەن تېخىمۇ كەڭرى ۋە ئېغىر؛ مەسىلەن، ھاشارغا ئىشلەش، قىزلىرىنى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش باھانىسىدا مىللىي مۇھىتتىن ئايرىپ تاشلاش قاتارلىق. ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆزلىرى يولۇققان مەسىلىنى تەشكىللىك ھالدا نارازىلىق ھەرىكىتى شەكلىدە ئىپادىلىگىنى يوق. خىتاي ۋە ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتېرى نەزەردە تۇتۇلسا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىي تۆۋەن ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىپادە ئەركىنلىكى مۇھىتى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىپادە ئەركىنلىكى مۇھىتى تامامەن پەرقلىق. ئۇيغۇرلار بۇ ۋەزىيەتنى رادىئومىزغا قىززىق لىنىيە ئارقىلىق ئىنكاس قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بىر قاتلام دەپ قارايدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)