خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە باھا بەردى


2005.03.03

ئامېرىكا يېقىندا يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت كابىنتى پەيشەنبە كۈنى بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىپلەيدىغان دوكلات ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ مەزكۇر دوكلاتى 6 بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلار، "ھايات، ئەركىنلىك ۋە شەخسىي بىخەتەرلىك" ، "سىياسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك" ، "ئىقتىسادىي جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى" ، "ئىرقىي كەمسىتىش" ، "ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقى" شۇنداقلا "باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش" قاتارلىقلار.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىپلىدى

خىتاي بۇ دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يۇقىرقى 6 تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنىڭ يوقلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي دوكلاتىدا يەنە، ئامېرىكىدا زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىلىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ھاياتى، ئەركىنلىكى ۋە شەخسىي بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنىڭ پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن بۇنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى پاسسىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش ھەمدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالى "كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ" دەپ يازغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئىراقتىكى ئابۇ-غېرىپ تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن ئەسىرگە چۈشكەن ئىراق ئەسكەرلىرىنى قىيناش ۋەقەسىمۇ ئەيىپلەنگەن. ئەمما دوكلاتتا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامزفېلدنىڭمۇ بۇ ۋەقەنى ئەيىپلىگەنلىكى ھەتتا ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلنىڭ بۇ ھەقتە ئوچۇق كەچۈرۈم سورىغانلىقلىرى تىلغا ئېلىنمىغان.

ليۇ جيەنچاۋ: خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش مەقسىتىدە بېرىلگەن بىر سېگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئۆلچەمدە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە باھا بەرگەنلىكىنى ئىزاھلىمىدى.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان ليۇ جيەنچاۋ، "خىتاي ھازىر كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدا ۋە خىتاي خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما بىز يەنە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تەلتۆكۈس مۇكەممەل ئەمەسلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىمىز. بىزدە يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت" دېدى.

ليۇ شياۋبو: خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى تولىمۇ ئاخمىقانىلىق

خىتاينىڭ ئامېرىكا ھەققىدە چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قارىتا، ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى خىتاي زىيالىسى شى دوڭ مۇنداق دېدى:

"مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تولىمۇ ئاخمىقانىلىق. خىتاي ئەزەلدىن ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىكى ئەيىپلەشلىرىنى ئەستايىدىل ئويلانمايدۇ. پەقەت ئامېرىكىدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۇنىڭ خىتاينى ئەيىپلەش ھوقۇقى يوقلىقىنى تەكىتلەيدۇ".

داڭلىق خىتاي ئۆكتىچى زىيالىسى ليۇ شياۋبو، خىتاي بۇ دوكلاتنى پەقەت خەلقئارا جامائەتكە كۆرسىتىش ئۈچۈن يازغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە، "ئىنتېرنېت دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھەر يىلى دىگۈدەك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ كەلدى. خىتاي بۇنى كونترول قىلىمەن دەپمۇ قىلالمىدى. شۇڭا ئاخىرى ‘سەن بىرنى ئېلان قىلساڭ، مەنمۇ بىرنى ئېلان قىلىمەنئ دېگەن ئۇسۇلنى قوللاندى. بۇ ئاساسلىقى پەقەت خەققە كۆرسىتىش" دەپ ئېيتتى.

ليۇ شياۋبو يەنە، خىتاي ئېلان قىلغان دوكلاتتىكى مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭ ئۆزى ئامېرىكىدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ يۈكسەكلىكىنى ۋە مەتبۇئاتنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نازارىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ليۇ شياۋبو: ئىراق تۈرمىسىدىكى ۋەقە يېڭىلىق ئەمەس

ئىراقتىكى جىنايەتچىلەرنى قىيناش ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان ليۇ شياۋبو مۇنداق دەيدۇ: "ئابۇ-غېرىپ تۈرمىسىدىكى ۋەقە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان. شۇنداقلا بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتىدىن تارتىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارغىچە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوچۇق كەچۈرۈم سوراپ بولغان. ھەتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەدلىيە ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە سېلىپ، بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغان بىر-قانچە شەخسلەرگە جازا بېرىپ بولغان. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ دىگەنلىرى ھېچقانداق يېڭىلىق ئەمەس".

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل تەتقىقاتچىسى مىكى سپىگېل خانىم بۇ قاراشقا قوشۇلۇپ، "ھەممىدىن مۇھىمى، ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مىخانىزىم بار. ئامېرىكىدا يەنە، مۇستەقىل سوت تۈزۈلمىسى ۋە كەڭ دائىرىدا سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بار" دېدى.

ليۇ شياۋجۇ: خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ

خىتاينىڭ دوكلاتىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان ئامېرىكىدىكى جەمئىيەتشۇناس دوكتۇر ليۇ شياۋجۇ خىتاي ئۆزىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش ئەھۋالىنىڭ ھەممىدىن ئېغىرلىقىنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"ئامېرىكىدا كەمسىتىش بولدى دىگەندىمۇ، ئۇ تېخى ئۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا، يۈز-تۇرانە ئېلىپ بېرىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنى باشقۇرىدىغان ۋە كۈزىتىپ تۇرىدىغان قانۇن بار. ئەمما خىتايدا بولسا، ئاجىز خەلقلەر ئوچۇق-ئاشكارا كەمسىتىلىدۇ ۋە بوزەك قىلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ تېخىمۇ خەتەرلىك".

دوكتۇر شى دوڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ قاتارىدا ئامېرىكىدىمۇ بەزى خاتالىقلار كۆرۈلسە، بۇنى ھۆكۈمەت ياكى ھۆكۈمەتسىز ئورۇنلار دەرھال پاش قىلىپ، ئۇنى تۈزىتىشكە تىرىشىدىغانلىقى، ئەمما خىتايدا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك شۇنداقلا سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىدىكى دەپسەندىچىلىكلەرگە ھۆكۈمەت ئۆزى سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا توغرىسىدا چىقارغان 15 بەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قارىتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئەمما ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قايتا ئەيىپلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.