ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "2004 - يىللىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش دوكلاتى" نى ئېلان قىلدى
2005.03.28
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆز ھاكىمىيىتىگە ۋە دۆلەت مۇقىملىقىغا تەھدىد دەپ قارىغان سىياسىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلارنى، شۇنداقلا شەخسلەرنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى يەنىلا ناچار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق تۈردە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بارغان دىنىي، سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنى باستۇرۇپ، تۇتقۇن قىلماقتا. مەھبۇسلارنى داۋاملىق تۈردە قىيىن - قىستاققا ئالماقتا. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، جىنايەت گۇماندانلىرىنى ئۇرۇشتەك كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلمىشلىرى خىتايدا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولماقتا.
ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئامېرىكىنىڭلا، غەربنىڭلا پرىنسىپى ئەمەس. بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقەللىي تەلىپى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دىموكراتىيە ۋە قانۇن تۈزۈمنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ۋە ھۆكۈمەتكە قارىمايدىغان قاناللار ئارقىلىق قوللاش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىستراتېگىيىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقەللىي تەلىپى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى كوندىلىزا رايىس دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيادا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
"ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا، ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرگە خاتىمە بېرىپ، دۇنيادا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىستەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن ئىدى. تارىخى ساۋاقلاردىن شۇنى يەكۈنلىدۇقكى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساقلانغاندىلا، ئامېرىكا تېخىمۇ بىخەتەر، دۇنيا تېخىمۇ تىنچ بولىدۇ. بىز ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ توغرا تەرىپىدە. بىزنىڭ خاتا تەرەپتىكى كىشىلەرگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئامېرىكىنىڭلا، غەربنىڭلا پرىنسىپى ئەمەس. بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقەللىي تەلىپى".
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى يەنىلا ناچار
ئەمما ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە ئىچكى موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللار يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكىل كوزاك مۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
" خىتاي بىلەن بولغان ئومۇمىيۈزلىك مۇناسىۋىتىمىز ئارقىدا قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى. ئۆتكەن يىلى مارتتا، ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ جەنۋەدىكى يىللىق يىغىنىدا خىتاينى ئەيىپلەيدىغان قارار لايىھىسى سۇنغاندىن كىيىن، خىتاي بىز بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختاتقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىز ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىگە كۆپ كۈچىدۇق. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى قايتا داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە خىتايدا كونكېرت بىر قىسىم ئىلگىرلەشلەرنى كۆردۇق. بىراق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىكى ئاساسى مەنتىقىسى ئۆزگەرمىدى. كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى يەنىلا ئىنتايىن ناچار بولدى.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق تۈردە ئىلگىرى سۈرمەكچى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىپ، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
ئۆتكەن يىلى جەريانىدا، پرېزىدېنت بۇش، مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چېنى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋىل قاتارلىقلار خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قايتا- قايتا ئوتتۇرىغا قويغان. نەتىجىدە 2004 - تىبەتلىك راھىبە فۇنتسوڭ نىيدىرول، سىياسىي ئۆكتىچى لىيۇ جىڭشىڭ قاتارلىقلار تۈرمىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن.
ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكىل كوزاك بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، مۇنداق دېدى:
بىز كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە خىتايدا كونكېرت بىر قىسىم ئىلگىرلەشلەرنى كۆردۇق. بىراق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىكى ئاساسى مەنتىقىسى ئۆزگەرمىدى. كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى يەنىلا ئىنتايىن ناچار بولدى.
- خىتاي ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىز ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتقان بەزى كونكېرت ئىجابىي قەدەملەرنى باستى. بۇنىڭ بىرى، سىياسىي مەھبۇسلارنى شەرتلىك قويۇپ بېرىش ۋە جازاسىنى يىنىكلىتىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلىش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى. ئەسلىدىغۇ سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىگە كىرمەسلىكى كېرەكتى. ئەمما ئومۇميۈزلۈك ناچار ۋەزىيەتتە، بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش بولدى. بىز بۇنىڭ بىلەن تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە ۋە دېموكراتىك تام ھەرىكىتىدە تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردۇق. بىز يەنە خىتاينىڭ ب د ت مەخسۇس قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگۈچى خادىمىنى تەكلىپ قىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق. بۇنىڭدىن سرت، خىتاي يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى قويۇپ بەردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ باسقان كونكرت ئىجابىي قەدەملىرى. بىراق بۇنىڭ بىلەن بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ قويمىدۇق. يەنە بىر تەرەپتىن بىز ئۆتكەن يىلى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش پروگراممىلىرى ئۈچۈن 13 يېرىم مىليون دوللار پۇل ئاجراتتۇق. بۇ يىل يەنە 19 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتماقچى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق تۈردە ئىلگىرى سۈرمەكچى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق نىشانى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە سىستېمىلىق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئىكەن. بۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر خىل پروگراممىلارغا مەبلەغ سېلىپ، خىتايدىكى قانۇن ۋە ئەدىلىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئاكتىپچانلىقىنى ئۆستۈرۈش ۋە يەرلىك سايلاملارنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئىكەن.
ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر يەنىلا باستۇرۇشقا ئۇچرىماقتا
دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى قايتا- قايتا ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەڭ ئىچىدە ۋە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى " خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش" تىن پايدىلىنىپ، تىنچ يول بىلەن سىياسىي كۆز- قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرماسلىققا چاقىرغان. ئەمما ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە ئىچكى موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللار يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە بويسۇنۇشقا چاقىرىشنى يەنىلا خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى ئۆتكەن ئايدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئېلان قىلغان ئىككىنچى يىللىق دوكلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىس ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان لايىھە سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە باھا بەردى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئەدىلىيە سېستىمىسىنى تەنقىدلىدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتى: خىتاي چاغاننىڭ ئالدىدىكى 2 ھەپتىدە 200 كىشىنى ئاتتى