ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىندى
2005.11.08
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ 2005 - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، دۇنيادىكى 197 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن. دوكلاتتا خىتايدىكى ۋەزىيەت بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.
خىتايدا دىنىي ئىخلاسمەنلەر كۆپەيمەكتە
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن "گەرچە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارغا دىنغا ئىشىنىش ۋەيا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، دۆلەت كونتروللىقىدىكى چەكلىك دىنىي پائالىيەت سىرتىدىكى ھەرقانداق دىنىي پائالىيەتنى قاتتىق چەكلىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ۋە كومپارتىيىنىڭ كونترولى سىرتىدا دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى ئالماقتا. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قاتتىق تەدبىرلەرگە قارىماي، خىتايدا دىنىي ئىخلاسمەنلەرنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە".
"ئىككى خىل ئۆلچەم"
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، 2005 - يىلى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسلىسىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك دىنىي پائالىيەت ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىسىمۇ رايونلار ئارىسىدا پەرقلىنىدىكەن.
مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا بەرگەن چەكلىك دىنىي پائالىيەت ھوقۇقى بىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلار غا بېرىلگەن دىنىي پائالىيەت ھوقۇقىنى بىر- بىرى بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىگە يول قويماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان چەكلىك دىنىي پائالىيەت ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن "قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى مۇسۇلمان گۇرۇپپا بولغان تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي سىياسىتى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، تۇڭگانلار ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كەڭ دىنىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، يېڭى مەسچىتلەرنىڭ سىلىنىشىغا، دىنىي ئالىملارنىڭ تەربىيلىنىشىگە ۋە كىچىك بالىلارنىڭ دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىپ ئىبادەت قىلىشى چەكلەنگەن. لېكىن تۇڭگانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا يېڭى مەسچىتلارنىڭ سىلىنىشىغا ھەمدە كىشىلەرنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىپ ئىبادەت قىلىشىغا چەكلىك بولسىمۇ يول قويۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى كۆپىنچىسى، رايوندىكى مۇستەقىللىق پائالىيەتلەرنى قوللايدۇ دەپ باستۇرماقتا".
دوكلاتتا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ۋە دىنىي سەۋەبتىن تۈرمىدە يېتىۋاتقان بەزى كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى 2005 - يىلى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئىجابىي ھەرىكەت دەپ كۆرسىتىلگەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشتا تولۇق سەۋەپلەرگە ئىگە
- رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تام لانتوس بىلەن ئۇچراشتى
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خادىمى مىندى لايمۇر بىلەن سۆھبەت
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھەربىي تەرەققىياتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى