كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى


2006.01.19

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قىسمىدا دەسلەپ خىتايدىكى ئومۇميۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، خۇ جىنتاۋ رەئىسلىككە چىققاندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىدە چېكىنىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ چىرىكلىك، ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرىۋېتىلىشىگە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەرگە بولغان ئەندىشىسى ئاشقانسېرى، مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەكس تەسىر بېرىدۇ

بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى كېننېس روس (Kenneth Roth) خىتاينىڭ بۇ مەقسەتتىكى ھەرىكىتىنىڭ ئەكسىچە تەسىر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

" مەن ئىشىنىمەن، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش، ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق. مەتبۇئاتنى ئەركىن قويۇۋەتكەندە ئاندىن تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلغىلى بولىدۇ ھەمدە يەر ماجىرالىرىدا قايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ياكى ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى شۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىگىلىگىلى بولىدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە قىلىپ، خەلقلەرنى ۋە ئاخباراتنى باستۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىتايدىكى مۇشۇنىڭدەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئەكسىچە ئېغىرلاشتۇرىدۇ".

ئۆز قانۇنىغا ھۆرمەت قىلسا، خىتيانىڭ ئۆزىگە پايدىلىق

كېننېس روس يەنە خىتاينىڭ قانۇن سېستىمىسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قانۇن بەلگلىمىلىرىگە ھۆرمەت بىلەن رىئايە قىلسا ئۆزىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ باغلانغان دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى داۋاملىق باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن "شىنجاڭ ۋە تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش" دېگەن تېمىدا مەخسۇس بۆلۈم ئاجرىتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ھەقلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا يەنە، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ باغلانغان دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ" دەپ يازغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كونترول قىلىشى، مەسچىتلەرنى بۇزۇشى ۋە خىتاينىڭ دىنىي جەھەتتىكى يوليورۇقىغا بويسۇنمىغان كادىرلارنى خىزمىتىدىن ئېلىۋېتىشكە ئوخشاش باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا بۇنىڭغا يەنە "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى نۇرمەمەت ياسىننىڭ تۈرمىگە تاشلىنىش ۋەقەسىنى مىسال قىلغان.

ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىدىكى مەسىلىلەرگە ئوخشىمايدۇ

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ۋىنا سىدارس (Veena Siddharth) ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ باشقا ھەر قانداق جايىدىكى مەسىلىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى:

" بىزنىڭ شىنجاڭدىن بايقىغانلىرىمىز خىتاينىڭ باشقا ھەر قانداق جايلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە دىنىي ئېتىقادنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سالاھىيىتىنىمۇ چەكلەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلەر بار. شۇنداقلا بۇ يەردىكى دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش دەرىجىسىمۇ باشقا جايلارنىڭكىگە قارىغاندا ئېغىر. مەسىلەن گەنسۇدا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بار. لېكىن ئۇ يەردىكى چەكلىمە ئۇيغۇر ئېلىنىڭكىدەك ئۇنداق قاتتىق ئەمەس. ئىشقىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ".

ۋىنا خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ھەتتا ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى مىسال قىلدى:

" ئۇلار نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا تېخى رابىيە قادىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى. رابىيە قادىر ئۆزى ھازىر ئامېرىكىدا ھەمدە ئۇ بىرئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى. شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەھدىت قىلىۋاتسا، ئادەتتىكى پۇقرالارنى تېخىمۇ باستۇرىدۇ-دە. شۇڭا بىز شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىمىز" .

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە " قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، "بۆلگۈنچى" دېگەن جىنايەت بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ جازالاۋاتقانلىقىنى ھەتتا بۇ يەردە ئۆلۈم جازاسىنىڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى يازغان.

ئۇيغۇرلار بۇ دوكلاتنى قارشى ئالدى

ئۇيغۇر زىيالىيسى, ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىدىن كۆپ مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى ۋە پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 2006 - يىللىق بۇ دوكلاتىدا 70 نەچچە دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە باھا بېرىپ چىققان. ئۇنىڭدا يەنە ئامېرىكىنىڭ "تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى" ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ساتماسلىق چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا تىرىشقانلىقلىرىمۇ ئەيىبلەنگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.