
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 2005-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا بىر قىسىم دۆلەتلەردىن باشقا يەنە خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس بايانلار بار بولۇپ، بۇنىڭغا 85 بەت ئاجرىتىلغان.
2005-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا خىتايدىكى قانۇنى تۈزۈم، قولغا ئېلىش، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، قىيناش ۋە جازالاش ھەمدە تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالى شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكى، مۇساپىرلار ھەم ئەمگەكچىلەر مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ دائىرىلىك مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان يۇقىرىقى بىر قاتار مەسىلىلەر ئىلگىرىدىن تارتىپلا خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ 2005-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچ ئۆزگىرىش بولمىغان، ئۇنىڭ ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2005-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بەزى مەسىلىلەر خىتايغا ئائىت ماددىلاردا قىستۇرما شەكىلدە كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلگەندىن سىرت، يەنە مەخسۇس بەتلەر ئارقىلىق يورۇتۇلغان.
مەزكۇر دوكلاتتىكى "مىللىي، ئىرقىي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر" دەپ ئاتالغان مەخسۇس بۆلۈمدە ھازىرقى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان خىتاي ئەمەس مىللەتلەر يەنى خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە "ئاز سانلىق مىللەتلەر"نىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق, نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر بايانلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەزمۇنلارغا ئايرىش مۇمكىن.
مىللىي كەمسىتىش مەسىلىسى
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2000-يىلىدىكى ئىستاتىستىكا بويىچە خىتايدىكى رەسمى ئېتىراپ قىلىنغان 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ نوپۇسى 106.4 مىليون بولۇپ، پۈتۈن خىتاي ئاھالىسىنىڭ 8.4 %نى تەشكىل قىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى 1949-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتايلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا كۆچۈرۈش بولۇپ، نەتىجىدە شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى روشەن دەرىجىدە كۆپەيگەن، 2004-يىلىدىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە ئېلان قىلىنغان 19.6 مىليون نوپۇسنىڭ 9 مىليونى ئۇيغۇر، 7.8 مىليونى خىتايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى 1949-يىلى 300 مىڭ ئىدى شۇنىڭدەك پۈتۈن نوپۇسنىڭ 6%نى تەشكىل قىلاتتى, ھازىر بولسا 40% كە يەتكەن.
مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىرقىي(مىللىي) كەمسىتىش شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە تىبەت قاتارلىق بەزى جايلاردىكى چوڭقۇر نارازىلىقلارنىڭ مەنبەسى بولغان. مەسىلەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئىشلەشتە باراۋەرلىككە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، يول ياساش، نېفىت ۋە گاز تۇرۇبا قۇرۇش ئىشلىرىغا خىتايلار قوبۇل قىلىنغان. دوكلاتتا، گەرچە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى خىتايلاردىن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە باشقا رەھبىرى خىزمەتلەرنى تەقسىم قىلىشتا خىتايلارنىڭ كۆپ سانلىق ئىكەنلىكى، "خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەڭ يۇقىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقى" ۋە باشقا بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئەھۋاللار كۆرسىتىلگەن.

تىل ۋە مائارىپ سىياسىتى
بۇ دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تىل ۋە مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جايلاردىكى مەكتەپلەردىمۇ بالىلارغا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق ئورۇنلاردا خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش بېكىتىلگەنلىكى، نەتىجىدە، ھازىر خىتاي تىلىنىڭ ھۆكۈمەت، سودا ۋە ئىلمىي ساھەدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىنىڭ ئاجىزلىتىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جازالاش
بۇ دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، "ئۈچ خىل كۈچ"كە قارشى تۇرۇش دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت مەزكۇر "ئۈچ خىل كۈچ"كە باغلاپ جازالىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ،" ئۇيغۇرلار بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازالىرىغا ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان" دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان.
بۇ دوكلاتتا مىسال كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2004-يىلى، يانۋار ئېيىدىن تاكى ئاۋغۇستغىچە بولغان ئارىلىقتا 22 تەشكىلاتنىڭ پاش قىلىنغانلىقى ھەمدە 50 ئادەمنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا يەنە مىساللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىشىگە يول قويمايدىغانلىقى، بەلكى ئۆز نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلەرنى جازالايدىغانلىقى بايان قىلىنغان شۇنىڭدەك 2003-يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان شىر ئېلى مەسىلىسى مىسال سۈپىتىدە بىر قانچە يەردە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا، ئىلگىرى ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چەتئەلگە گېزىت -ژۇرناللارنى ماڭدۇرغانلىقى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەھۋاللار سەۋەبى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەككىز يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئۆتكەن يىلى رابىيە خانىمنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ، ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە سودىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى شۇنىڭدەك رابىيە قادىرنىڭ ئىككى نەپەر سابىق خىزمەتچىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقى ۋە باشقا بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلار ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن.
بۇ دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىرى، زىيالىيلىرى ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان كونتروللۇق ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ ئەسەر يازغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، تارىخچىلىرى ھەمدە زىيالىيلىرىگە نىسبەتەن جازالاش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە يازغۇچى ئابدۇللا جامالنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، تارىخچى توختى مۇزارت، ئابدۇغېنى مەمتىمىن، ئابدۇخېلىل زۇنۇن قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازالىرىغا دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلغانلىقى تەكىتلىنىپ، 2004-يىلى چەتئەللىك مۇخبىر بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان دىلكەش تىلىۋالدى تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ "ياۋا كەپتەر" ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، قەشقەر ئەدەبىيات ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى كۈرەش ھۈسەيىننىڭ "ياۋا كەپتەر" نى باسقانلىقى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدەك ئەھۋاللار ئايرىم ئابزاسلار ئارقىلىق بايان قىلىنغان.
ئومۇمەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2005-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بەلگىلىك سالماق بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ نەزىرىدە يىلدىن-يىلغا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئۈمىدۋار)