مەركىزى نيۇيوركتىكى دۇنيا ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان2007 - يىللىق دوكلاتتا، سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە دۇنيادىكى 190 نەچچە دۆلەت ئارىسىدا تەپسىلىي باھالاش ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر باھالاشتا، دۇنيادا ھازىر 90 دۆلەت ئەركىن دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ 47% نى ئىگىلىگەن. شۇنداقلا دۇنيادا 45 دۆلەت ئەركىنلىك يوق دۆلەتلەر قاتارىدا بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 23 % ئىنى تەشكىل قىلغان.
بۇ قېتىمقى باھالاش يەتتە دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئەڭ ياخشى باھالانغان دۆلەتلەر 1 - دەرىجىگە، ئەڭ ناچار باھالانغۇچىلار 7 - دەرىجىگە بۆلۈنگەن. خىتاي بولسا شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي ھوقۇقى جەھەتتە ئارقىدا قالغان بولۇپ، "ئەركىنلىك يوق دۆلەتلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
خىتاي ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان بولسىمۇ پۇقرالار يەنىلا ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەن
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رىشىت ئەپەندى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2007 - يىللىق دوكلاتىدا، خىتايغا مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى ھەققىدە بېرىلگەن باھانىڭ ناھايىتى توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ " خىتاي پۇقرالىرى ئەركىنلىككە ئېرىشىشتە زور چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ سىياسىي ھوقۇق مەسىلىسىدە بەكمۇ ناچار ھالەتتە. ئۇيغۇرلار بولسا، ئەڭ ئاددىسى ئىنسان ھوقۇقى، ھەتتا ياشاش ھوقۇقىغىمۇ ئېرىشەلمەي كەلمەكتە" دەپ بىلدۈردى.
ئەركىنلىك سارىيى سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلغان بىر پەيتتە، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يەنە خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدىمۇ ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، خىتاي خەلقى يەنىلا ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەن. چۈنكى خەلقنىڭ ئورتاق كىرىمىنى كۆزدە تۇتقاندا، تەڭسىزلىك ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولغان. سانائەت تەرەققى قىلدى دېگەن بىلەن، نامرات رايونلاردىكى كەمبەغەللەر نوپۇسى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا خەلقئارا سودا ۋە ئىقتىساد مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىس ئەنسېنى كىم (Anthony Kim) ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنى ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشى كېرەك" دەپ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
"خىتايدا ھازىر ئىقتىسادى ئەركىنلىك پەقەت 54%. دېمەك بۇنى ئەركىنلىك دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر خىتايدا يېتەرلىك ئىقتىسادىي ئەركىنلىك بولىدىكەن، ئۇنداقتا ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولالىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە ھازىر خىتايدىكى كىرىم پەرقى بارغانسېرى چوڭىيىپ ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك ھالەتكە يەتمەكتە. ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنى يولغا قويىمىز دەيدىكەن، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارغا ئارىلىشىش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. يەرلىك قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقوقىنى دەپسەندە قىلماسلىقى كېرەك. بۇندىن باشقا يەنە، شەخسى مەبلەغ سېلىش ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك، ئىشقىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئۆزى خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە زور سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتە".
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رىشىت ئەپەندى ئىقتىسادى ئەركىنلىكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. (مېھرىبان)