ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتى: خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى يەنىلا ناچار
2007.03.07
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمەت، ساقچى، ئارمىيە شۇنداقلا پۈتۈن ئالى ھوقۇقنى تىزگىنلەيدىغان بىر پارتىيە دىكتاتۇرلىقىدىكى دۆلەت، دەپ كۆرسىتىلدى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي سىياسى سىستېمىسىدا پۇقرالار ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى بايان قىلىش، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنى ياكى ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس.
مەھبۇسلار يەنىلا ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا
دوكلاتنىڭ خىتايغا دائىر 62 بەتلىك قىسىمىدا خىتاي، خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالى ئايرىم - ئايرىم تىلغا ئېلىندى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەرنىڭ باستۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي قانۇنىدا مەھبۇسلارنى قىيناپ ئىقرا قىلدۇرۇش ياكى كىشىلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ساقچى ياكى بىخەتەرلىك ئاپپاراتىدىكى خادىملار بەزى تۇتقۇنلار ۋە مەھبۇسلارغا كەڭ - كۆلەمدە تەن جازاسى بەرمەكتە ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەكتە. دوكلاتتا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ 2006 - يىلى 6 - ئايدا قولغا ئېلىنغان ئالىم، ئابلىكىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، " دائىرىلەر ئالىم ۋە ئابلىكىملارنى ئۇرغان شۇنداقلا ئالىم تەن جازاسى ئاستىدا ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتنى قوبۇل قىلغان،" دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە قولغا ئېلىش خىتايدا يەنىلا جىددى بىر مەسىلە بولۇپ، خىتاي قانۇنىدا ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىغا كىشىلەرنى سوئال - سوراقسىز تۇتقۇن قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن. بولۇپمۇ "دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەر، دەپ ئاتلىدىغان تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى نەزەربەنت قىلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ ھەر خىل مېتودلىرىنى قوللانماقتا". دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەيىبلەندى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، "دائىرىلەر مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان تىنچ پائالىيەتچىلەر، "قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەتلەر ياكى تېررورلۇق زوراۋانلىقنى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرمىگەنلىكى تۈپەيلى ئاختۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش ۋە جازالاشنىڭ سىياسى نىشانىغا تىنچ يولدا يەتكۈچىلەر، دىنىي ئىبادەتنى ياقلىغۇچى ياكى زوراۋانلىققا چېتىلغۇچىلارنىڭ قايسى بىرىگە قارىتىلغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش تەس،" دەيدۇ.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىنىڭ بەزى ساھەلەردە كەينىگە چېكىندى
ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باررىي لوۋېنكرون، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىنىڭ بەزى ساھەلەردە كەينىگە چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى. لوۋېنكرون، "خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىدە بەزى شەخسى دېلولار ھازىرغىچە بولمىدى. ئەدلىيە ئىسلاھاتى جەھەتتە سوت قىلىش تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش، بولۇپمۇ ئەيىپلەنگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچىغا تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش ھوقۇقى بېرىش مەسىلىسىدە ئىلگىرلەش بولمىدى. بۇنىڭ سىرتىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى بار. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈزۈمگە يۆلىنىۋالماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دوكلاتتا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدا سىياسى مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى ئۈزلىكسىز رەت قىلماقتا. ئۇلار مەھبۇسلارنىڭ سىياسى ۋە دىنىي سەۋەبلەر بىلەن ئەمەس، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن دائىرلەر پۇقرالارغا سىياسى ۋە دىنىي سەۋەبلەردىن چەكلىمە قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا،" دەپ كۆرسەتتى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچەك ئۇيغۇر تارىخشۇناس توختى تۇنىياز ۋە دىلكەش تىلىۋالدىلار خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسى مەھبۇسلاردۇر. دوكلاتنىڭ ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى ھەققىدىكى قىسىمىدا خىتاي قانۇنى سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدىسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قانۇنغا ئومۇمەن رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېدىئولوگىيە جېڭى
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردا "تارىخىي پاكىتنى بۇرمىلىدى ۋە كىشىلەرنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتتى،" دېگەن باھانالار بىلەن ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات -سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋەيران قىلغان شۇنداقلا "قەشقەر ئەدىبىياتى" ژورنىلىنىڭ تەھرىرى كۈرەش ھۈسەيىننى 2005 - يىلى مەزكۇر ژورنالدا بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىدىغان ھېكايە ئېلان قىلدى، دەپ سولىغان.
دوكلاتنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە دار قسىمىدا، خىتاي ئاساسى قانۇنى پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي گۇرۇھلارنى تىزگىنلەۋاتقانلىقىنى ۋە دىنىي پائالىيەتكە چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىككە، تۇتقۇن قىلىش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياش -ئۆسمۈرلىرىگە قۇرئانى - كەرىم ۋە ئىبادەت قىلىشنى ئۈگۈتىش، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، پروففېسورلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلىمەكتە. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ 2006 - يىلى پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا "مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيىتى، مەدرىس ۋە مەسچىتلەر تەقىپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى" بىلدۈردى. بۇ دوكلات چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار، دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر قىسىمى يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس، دەپ قارىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادئىئومىزغا دوكلات ھەققىدە توختالدى.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى رايوندا خىتاي نۇپۇسىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شۇنداقلا ھۆكۈمەت رايوندىكى خىتاي نۇپۇسىنى 2005 -يىلى تەخمىنەن 7مىليون 8 يۈز مىڭ، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار رايوندىكى مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان ئۇزۇن مەزگىللىك "كۈنلىكچى ئىشچىلار"نى ھىساپلىمىغان. ھوقۇقى تەقسىماتىدا ھەر قايسى ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاساسى ھوقۇقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسى ھوقۇقى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، 2005 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنغان 700 نەپەر كادىرنىڭ 500 نەپىرىنى خىتايلار ئىگىللىگەن. دوكلاتتا، خىتاينىڭ " قوش تىللىق"مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە توختالدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مائارىپ سېستىمىسىنى خىتاي ۋە يەرلىك تىللاردا تەڭ يولغا قويۇش سىياسىتىدىن يىراقلىشىپ، خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىدىغان يېڭى مائارىپ سىسېستىمىسىغا يۈزلەنمەكتە، دەپ كۆرسەتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم " قوش تىللىق مائارىپ" مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدۇر. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا تىبەتكە ئوخشاش ئايرىم سەھىپە ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 2007- يىلى خىتاي ئەركىنلىك يوق دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭغا رەددىيە
- ئەركىنلىكنى ئاللاھ ئۆزى ھەر بىر ئىنسانغا تەقدىم قىلغان
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز قورال- ياراق ئېكسپورت قىلغۇچى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق دوكىلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى