خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان " 2006 - يىللىق يەرشارى خاراكتېرلىك دوكلاتى" دا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مېدىتسىنا سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ مېدىتسىنا ساھاسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ، پۇقرالارنىڭ دوختۇرغا كۆرىنەلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
چىرىكلىك تۈپەيلى كىشىلەر داۋالىنىش پۇرسەتلىرىدىن ئايرىلماقتا
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە، بىر قىسىم پارىخور ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تىببى ساھەگە ئاجراتقان مەبلىغىنى خىيانەت قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل چىرىكلىك ھەرىكەتلىرى داۋالىنىش ۋە قۇتقۇزۇشقا ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان نامرات خەلقنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، تىببى ساھەدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، داۋالىنىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان ھەتتا ئەسلى بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك بولغان داۋالىنىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش پۇرسەتلىرىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، ھەر يىلى دۇنيا تىببى ۋە سەھىيە ساھەسىگە ئاجرىتىلىدىغان پۇلنىڭ 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقى لېكىن بۇ پۇلنىڭ ئاز دېگەندە 5% ئى چىرىكلىك تۈپەيلىدىن يوق بولۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چىرىكلىك ھەرىكەتلىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ساختا دورىلارنىڭ كۆپىيىشى، كېسەل مىكروبىنىڭ تارقىلىشى ۋە شۇنداقلا مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنالماي ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان. مېدىتسىنا ساھەسىدىكى چىرىكلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان ھەرقانداق زىياندىن ئېشىپ چۈشكەن.
خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى لياۋ رەن ئاسىيا رايونىنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى چىرىكلىك ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ،" مەزكۇر رايوندىكى داۋالاش ۋە سەھىيە ساھەسىدىكى چىرىكلىكنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيىنى ئىنتايىن زور " دەپ كۆرسەتكەن.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى لياۋرەن سۆزىدە يەنە، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى چىرىكلىكنىڭ بولۇپمۇ ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا تېخىمۇ بەك ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا مەزكۇر جايلاردا ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان دورا باھاسىنىڭمۇ ئاسمان پەلەك ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
خىتايدا ئەھۋال ئېغىر
خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2006 - يىللىق دوكلاتىدىكى خىتايغا ئائىت قىسمىدا " خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ئېشىنالماسلىقى دەل مېدىتسىنا ساھەسىدىكى چىرىكلىكتىن كېلىپ چىققان" دەپ تەكىتلەنگەن. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە " خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، داۋالىنىش چىقىمى، يېمەك - ئىچمەك ۋە مائارىپ چىقىمىدىن قالسا 3 - ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ بىر يۈككە ئايلانغان. مەسىلەن 2004 - يىلى بېيجىڭ رايونىدىكى 10 چوڭ دوختۇرخانا ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، مەزكۇر دوختۇرخانىلارنىڭ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، بىمارلاردىن ئارتۇق يىغقان پۇلىنىڭ سانى 12 مىليون سومغا يەتكەن" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى لياۋرەن " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان مېدىتسىنا ساھەسىدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. چۈنكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، مەبلەغ پۈتۈنلەي ماناپول قىلىنىپ، دوختۇرخانىلار پۇل تېپىش ئورنىغا ئايلاندى " دەپ بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا دۇنيادىكى 191 دۆلەتتىكى داۋالاش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. خىتاي بولسا 188 - ئورۇندا بولۇپ، دۇنيانىڭ ئەڭ ئارقىدا قالغان. چۈنكى سەھىيە چىقىمىنىڭ 80% - 90% پىرسەنتىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرۈدىغان تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە ساھەسىگە سالغان مەبلىغى پەقەت 17% نى ئىگىلىگەن.