ئۇيغۇرلار، كانادانىڭ دۆلەت بايرىمىدا بىر كىشىلىك ئورۇن ئىگىلىدى
2005.07.01
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردە بەلگىلىك ئورۇنغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، شۇ ئەللەردىكى مىللەتلەر قاتارىدىن سانىلىشقا باشلىدى.
1 - ئىيۇل كۈنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەنگەن كانادا دۆلەت بايرىمى كۈنىدە، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى جەۋلان قىلىپ، مىللىيچە كىيىنىپ، جاراڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى ياڭراتتى ۋە ساماغا چۈشتى.
4 يىلدىن بۇيان بۇ بايرامغا قاتنىشىپ، كانادادىكى خەلقلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئەركىن ھاجىم، ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن شەمشىدىن ھاجىملار ئۆز ھاياجانلىرىنى ئاڭلاتتى.
©
2005 Radio Free Asia