ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى


2007.06.26

TomLantos-150.jpg
بۈگۈنكى قارارغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى، تام لانتوس ئەپەندى، 2005 - يىلى 1- ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى بېيجىڭ زىيارىتىدە. US Congressman Tom Lantos meets with reporters at the US Embassy in Beijing, 11 January 2005 / AFP PHOTO/Frederic J. BROWN

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى 26‏- ئىيۇن كۈنى قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىشىى ھەمدە مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى توختىتىشىى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

قارار، دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قوبۇل قىلىنغان

26‏- ئىيۇن كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان قارار لايىھىسىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىگە يۇقۇرى باھا بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ 5‏- ئىيۇن كۈنى چىخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

قارارنىڭ تەپسىلاتى

رابىيە قادىر خانىم ۋە ئائىلىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن قارار لايىھىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: "خەلقئارادىكى مەسئۇلىيەتچان ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئوخشاش خەلقئارالىق بىر مەرىكىگە ساھىپخانلىق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ھەرىكەتلىرى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. يېقىندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولۇپمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار غا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر كىشىلىك ھوقۇقنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى باستۇرۇدىغان ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ."

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دىنىي ۋە سىياسىي بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن قارار لايىھىسىدە، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلارنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچۈشىكە رىغبەتلەندۈرۈشى، ئۆز ۋەتىنىدە ئازاسانلىققا چۈشۈپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئۆز مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىلگەن،" دېيىلگەن.

رابىيە خانىمنىڭ ئەمگىكى، ئەجرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 1999‏- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۇچرىشىش ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان قارار لايىھىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2005- يىلى رابىيە خانىمنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەندە، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز ۋە ئەرىزلەرنى قىلماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ، لېكىن رابىيە خانىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ساقلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2006‏- يىلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ئوغلىنى تۇتۇپ، ئۇرۇپ، قىزىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەنگەن بۇ قارار لايىھىسىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە خانىم ئائىلىسىنىڭ ۋەتەندىكى مال-مۈلكىنى يوق قىلىش ئۈچۈن رابىيە خانىمنىڭ چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىمنى 12500 دوللار جەرىمانە تۆلەشكە، ئالىم ئابدۇرېھىمنى 7 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 62،500 دوللار جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغانلىقى، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى تۈرمىدە قاتتىق قيىن-قىستاققا ئېلىپ، 2007‏- يىلى 17‏- ئاپرىل كۈنى ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇترۇتۇشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەكىتلەنگەن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھىسىدە يەنە، "خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى 2007‏- يىلى 19‏- ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچىدە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى بۆلگۈنچى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋە تېررورلۇق بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان دەپ ، ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

گەرچە ، ھۆسەيىن جېلىل 2005‏- يىلى كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئۇنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ھۆسەيىن جېلىلنى تۈرمىدە زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرمەيۋاتىدۇ"دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلىنغان مۇراجەت

قارار لايىھىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارغا ئاساسەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ،تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى قارار قىلىنغان.

‏1 ‏- خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

2 - خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ۋە نازارەت ئاستىدىكى پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىپ ، رابىيە خانىم ئائىلىسى ئۈستىدىكى بېسىم ۋە تەھدىتنى بىكار قىلىشى كېرەك .

3 - خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ كانادادىكى ئائىلىسىنىڭ يېنىغا كېتىشىگە رۇخسەت بېرىشى كېرەك. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.