
خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى خۇپىيانە ھالدا كېڭەيتىشى ۋە ھەربىي خامچوتى جەھەتتە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى، ئامېرىكا تەرەپنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان ۋە ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزدى دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خادىمى، خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى مەخپىي كېڭەيتىش قىلمىشى، ئامېرىكا تەرەپنى خىتاي بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربى تەرەققىياتىغا جىددىي دىققەت قىلىۋاتىدۇ
13- ئىيۇن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان مۇناسىۋەتلىرىگە مەسئۇل يادەمچى مىنىستىرى رىچارد لاۋلەسس ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ھەربىي تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەيۋەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر 900 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەيۋەنگە قارىتىپ قويغانلىقىنى يەنە، تېخىمۇ ئىلغار، يىراق مۇساپىلىك يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى، كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى، ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ۋە سۇئاستى پاراخوتلىرىنى تەرەققىي قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي مۇددىئاسى، بولۇپمۇ يادرو قوراللىرى ھەققىدە مۇھاكىمە خاراكتېرلىق ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا لاۋلەسس ئەپەندى: "مېنىڭچە ، بىز ھەقىقىي مەنىلىك سۆھبەت ئېلىپ باردۇق... بىز بەلكىم خىتايلار قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بەزى ئىشلارنى چەكلەپ تۇرالىشىمىز مۇمكىن" دېدى ۋە "ئەگەر چەكلەپ تۇرۇشقا قۇربىتىمىز يەتمىسە، ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك. بۇ جىددىي دىققەت قىلىدىغان بىر تەرەپ" دەپ تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتى ئاشكارا ئەمەس
خىتاي بىلەن ئامېرىكا خېلى ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكى ئۈستىدە تالاش - تارتىش قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
خىتاي بۇ يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى جەريانىدا، 2007-يىلى ھەربىي خىراجەت ئۈچۈن 44.39 مىليارد دوللار ئاجىرىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 17.8 پىرسەنت ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 15 -ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ بۇ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى 85 مىليارد دوللاردىن 125 مىليارد دوللارغىچە بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ،خىتاي بۇ يىل يانۋاردا باشقا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويماستىن سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
لاۋلەسس ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى "خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى قەستەن يوشۇرۇشى" دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇلار ئامېرىكا ۋە باشقا ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى، دەيدۇ.
خىتاي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوننىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىشى مۇمكىن
لاۋلەسس ئەپەندى، بەش بۇرجەكلىك بىنا يېقىندا تەييارلىغان خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ھەققىدىكى دوكلاتنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ رايون خاراكتېرلىك كرىزىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەربىي كۈچىگە مۇراجەت قىلىش پىلانى بارلىقىنى كۆرسەتتى.
لاۋلەسس ئاخىرىدا، خىتاينىڭ مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى شۇنچە پۇل خەجلەپ يېڭىلىشى، تەيۋەننى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە باشقا جايلارنىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ھالبۇكى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن تايلور ، خىتاينىڭ ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىشى ئۈچۈن يەنە نەچچە ئون يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى: " خىتاي يەنە نەچچە ئون يىلدىمۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىۋىتەلمەيدۇ. لېكىن ھامىنى شۇنداق قىلىدۇ. ئامېرىكا دۇچ كېلىدىغان مەسىلە، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوننىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلۇقى جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن روبىرو ھالەتتە تۇرالايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق مەسىلىسى."
ئۇ يەنە، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا، ئاۋىئاماتكا، يۇقىرى تېخنىكىلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە ئۇرۇش كېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ تەبىئىي ھالدا، ئەگەر توقۇنۇش يۇز بېرىپ قالسا بۇ خىل تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك قوشۇنغا ئىگە بولۇشنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربى خىراجەت جەھەتتە ئوچۇق- ئاشكارە ئىكەنلىكنى تەكىتلىدى
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 14 - ئىيۇندىكى خەۋىرىدە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ لاۋلەسنىڭ بايانلىرىنى "مەسئۇلىيەتسىزلىك" بىلەن ئېيتىلغان، دەپ ئەيىبلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ: "ھەربى خىراجەت جەھەتتە بىز ئوچۇق- ئاشكارە. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئېيتقانلىرى ئاساسسىز بولۇپ، جوڭگۇ تەھدىتى نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغانلىق،" دېدى.(جۈمە)