خىتاي خەلقئارا قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئورنىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتامدۇ ؟


2007.07.12

ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنى، جۈملىدىن خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى رولى ناھايىتى زور ئىكەنلىكى كۆپچىلىككە سىر ئەمەس. ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسى، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادى ۋە ھەربىي تەرەقىياتىغا قارىتا تونۇشى قانداق ؟ بۇ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن قىزىقارلىق تېما بولسا كېرەك. ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارلىرى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يەر شارى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تونۇشىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش غەرىزى تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بېرىدىغان تاسادىپى توقۇنۇشقا تەييارلىق كۆرۈش بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەربىي خىزمەت كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان چارشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسى، دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسى، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قاتارلىق غوللۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە يازما مەلۇمات سۇندى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى ئەڭ كۆپ قىزىقتۇرغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر، يەنى ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى، ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى، ئافغانىستان ۋە ئىران قاتارلىقلار بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى، خىتايدا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بەرسە بۇنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، خىتاي نوپۇسى قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنماي قالمىدى.

خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشتىكى غەرىزى قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلەشكە قارىتىلغان

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مۇدىرى ئىشخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسى توماس فىنگار خىتاي مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دەيدۇ: خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 2006 - يىلقى تاشقى سىياسىتى ئىچكى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قامداشنى ئاساس قىلىشتىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا چەتئەللەردە ئاساس تىكلەش ۋە ئېنېرگىيە تەمىنات مەنبەسىگە ئېرىشىشكە قارىتىلدى.

نەتىجىدە بۇ خىتاينىڭ سۇدان ھەم ئىرانغا ئوخشاش مەسىلە بار ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇشىنى كۈچەيتتى. توماس فىنگار يەنە ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى تەيۋەن بوغۇزىدا تاسادىپى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار توقۇنۇشلار بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشتىكى غەرىزى قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

توماس فىنگار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرغان يازما دوكلاتىدا، خىتاي 1999 - يىلدىن باشلاپ ھەربىي زامانىۋىيلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەندىن بېرى، بۇ ئامېرىكىدا خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا يەتمەكچى بولۇۋاتقان مەقسىدىدىن شۈبھىلىنىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ پەرىزىگە قارىغاندا ،خىتاينىڭ ئاخىرقى مەقسىدى خەلقئارا قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئورنىغا ئېرىشىشتۇر، دەپ كۆرسەتتى. توماس فىنگار، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھەربىي زامانىۋىيلاشتۇرۇش قەدىمى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەت بىلەن چەكلەنمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، تەيۋەن مەسىلىسى بىر تەرەپ بولغان تەقدىردىمۇ خىتاي ھەربىي زامانىۋىيلاشتۇرۇش قەدىمىنى توختاتمايدۇ، بەلكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ، دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

توماس فىنگارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شۇ چاغدا خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى دىققەت نەزىرىنى تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنۇشقا قارىتىشتىن، خەلقئارا ھەربىي ئورنىنى تىكلەشكە ئاغدۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ يەنە، شۇنىڭغا قەدەر خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيىلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىشتىكى مەقسىدىنى چېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دەيدۇ.

خىتاي پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسى ساغلام ئەمەس

بۇ قېتىمقى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى، خىتاي پۇل -مۇئامىلە سىستېمىسىدا كرىزىس يۈز بەرسە بۇنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدۇر.

توماس فىنگار، خىتاي پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسى ساغلام ئەمەس، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلاردا قەرىزىنى قايتۇرۇش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر بولمىسىمۇ، لېكىن كەلگۈسى 5 يىلدا پۇل -مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى چەتكە قاقتى. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى " خىتاي پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسى بازار ئىگىلىكى ئۆلچەملىرىنى قوللانماقتا. خىتاينىڭ زور مىقداردا تاشقى پېرىۋۇت زاپىسى بار. غەزىنە قىزىل رەقىمى يوق . قىسقا مۇددەتلىك چەتئەل پېرىۋۇت تۆلەنمىسى ئاز "دەپ چۈشەندۈردى.

خىتاي نوپۇسى كەلگۈسى بىر ئەۋلادقىچە داۋاملىق كۆپەيگەندىن كېيىن تۆۋەنلىشى مۇمكىن

توماس فىنگار يەنە، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل كوناۋېينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن خىتاي نوپۇس مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: خىتاي نوپۇسى كەلگۈسى بىر ئەۋلادقىچە داۋاملىق كۆپەيگەندىن كېيىن تۆۋەنلىشى مۇمكىن. خىتاي، نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى جەھەتتە ئالدىمىزدىكى يىللاردا يەرشارى بۇيىچە ئەڭ تېز دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.

پەرەزلەرگە قارىغاندا 15 يىلدىن كېيىن خىتايدا 65 ياشتىن ئاشقان قېرىلارنىڭ سانى ئامېرىكا ئومۇمى نوپۇسىدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. نوپۇسنىڭ قېرىشى، بىر پەرزەنتلىك سىياسىتى قاتارلىقلار جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلىك ئىگە قىلالمايدۇ. بۇ ئامىللار خىتاي جەمئىيەت سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىقى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىيات مودىلىنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن."

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ھەربىي تەرەققىيات ۋە مۇداپىئە سېلىنمىسىدا ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىپ، خىتاي ھەربىي تەرەققىياتى ئۇنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان بىخەتەرلىك ئېھتىياجىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ھەربىي سېلىنمىنى 8.17 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ، 1995 -يىلدىكى 33 مىليارد دوللاردىن 45 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ھەربىي سېلىنمىسىنىڭ ئەمەلىي سانى بۇنىڭدىن 2 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.