ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ياپونىيە پارلامېنتىدا


2006.11.01

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 30 – ئۆكتەبىر كۈنى تەيۋەندە چاقىرىلغان ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شۇ كۈنى ياپونىيە پارلامېنتى ۋە نەشرىيات ساھەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ، ياپونىيىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان.

30 – ئۆكتەبىر كۈنى، توكيودىكى ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. 30 – ئۆكتەبىر كۈنى يەنە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ۋېي جىڭشىڭ ئەپەندىلەر توكيودا ياپونىيە مەتبۇئات ساھەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي مەسىلىلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 31 – ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى، مىللەت ۋەكىللىرى ۋە ياپونىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ياپونىيە تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت – جورنال مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ، كۆپلىگەن كىشى قاتناشقان. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيىدىكى مەشھۇر تېلېۋىزىيە قاناللىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئايرىم - ئايرىم سوئال – جاۋاپ سۆھبىتى ئېلىپ بارغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى يىغىن ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ زىيارەتلىرى جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخىدىن ساۋات سۆزلەش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، ئاتوم بومبىسى سىنىقى، تۇتقۇنلار مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ سىياسىي زۇلۇملىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختالغان.

ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ قەدەر مۇرەككەپ ۋە ئېغىر ئىكەنلىكىدىن ئۆزلىرىنىڭ يېتەرلىك مەلۇماتى يوقلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ جىددى كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ مەلۇماتلاردىن ھەيران بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۇيغۇرلار ياپونىيىدە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى، ئاخبارات ساھەسى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلەرنىڭ مۇتلەق رەۋىشتە قىزغىن قوللىشىغا ۋە ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيىلىكلەر ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى بىلدۈرگەن

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن كۆپ تەئەججۈپلەنگەن ياپونىيە پارلامېنت خادىملىرى "ئۇيغۇرلار ياپونىيىدىن نىمە كۈتىدۇ؟ بىز سىلەرگە نىمە قىلىپ بېرەلەيمىز" دېگەن سوئالنى تاشلىغان. د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ ئېھتىياجىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمېتىنىڭ قايسى جەھەتلەردىن ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىر بىرلەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدە ئېلىپ بارغا بۇ سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە نۇتۇقلىرى، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا زور تەسىر قوزغىغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتىدا غۇلغۇلا قوزغىغان بۇ زىيارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا كۈچ چىقارغان ياپونىيىلىك ئۇيغۇرشۇناسلار ئىچىدە، سىياسىي پائالىيەتچى، تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى نائوكا خانىمنىڭ رولى گەۋدىلىك بولغان بولۇپ، ئۇ ياپونىيە پارلامېنتىدىن تارتىپ، سودا ساھەسى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا قەدەر، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ياپونىيە دۆلىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن بىر ئېتىبارسىز قالغان زىمىن بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىن تارتىپ، ئاددىي پۇقرالارغىچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىنتايىن قىزىقىدىكەن. ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېتەرلىك چۈشەنمەيدىكەن ياپونىيە تۇپراقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ناھايىتى كەڭ بىر پۇرسىتى مەۋجۇد ئىكەن. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.