ئارماندا كەتكەن ئوتلۇق شائىر – دولقۇن ياسىن
2005.09.05
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى، يېتىشكەن سىياسىي پائالىيەتچى دولقۇن ياسىن ئەپەندى 5-سېنتەبىر كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالماتىدا ۋاپات بولدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنىڭ ئايالى ھەبىبە خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى ھەققىدە بىزنى قىسقىچە خەۋەرلەندۈردى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇلىرىنى ئىپادىلىدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ۋە مەرھۇم دولقۇن ياسىن ئەپەندىنى 2003- يىلى نوبېل كومىتېتىنىڭ ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان زىيارىتىمىزدە دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن "ئۇيغۇرمەن" ناملىق شېئىرىنى، مۇخبىرىمىز ئىلتەبىرنىڭ پروگراممىمىزدىن ئاڭلاڭ.
---------------------------
مەرھۇم دولقۇن ياسىن ئەپەندى 2003-يىلى ئۆكتەبىردە نوبېل كومىتېتىنىڭ ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ قېتىملىق مۇكاپات ھەققىدە مۇخبىرىمىز ئىلتەبىر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇ قېتىملىق سۆھبەتنى تۆۋەندىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەرىپەتپەرۋەر ساۋۇت ئاخۇننىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقى خاتىرىلەندى
- يۈسۈپ مۇخلىسى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇف مەخسۇمنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى (1)
- ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى سابىت ئابدۇراخمان ئالەمدىن ئۆتتى
- جامائات ئەربابى، تارىخچى ھەبىبۇللاخان مەخسۇم ھاجى ئالەمدىن ئوتتى