ئاتاقلىق شائىر دولقۇن ياسىننىڭ جەسىتى دەپنە قىلىندى
2005.09.06
شائىر، سىياسىي پائالىيەتچى دولقۇن ياسىن 5- سېنتەبىر كۈنى ئالماتىدا ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇنىڭ جەسىتى 6-سېنتەبىر كۈنى ئالماتىدا دەپنە قىلىندى. دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەرھۇم دولقۇن ياسىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيەتلىرىگە بولغان باھالىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان قايغۇلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.
شائىر دولقۇن ياسىن 1938-يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ سۈيدۈڭ شەھىرىدە زىيالىي ياسىن خۇدابەردى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 60 –يىللاردا تاشكەنتتە ئوقۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە خىزمەت قىلغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەربەندكە ئېلىنىپ قۇمۇلغا پالانغان. مەرھۇم دولقۇن ياسىن ئەپەندى 1968-يىلى قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ۋەتەن دەۋاسى بىلەن شۇغۇللانغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.