مۇخبىرىمىزنىڭ دۇڭجۇدىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇماتلار
2005.12.21

6 - دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەنۋېي شەھىرى دۇڭجۇ كەنتىدە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانى، دۇڭجۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ زور كۆلەملىك نامايىش قوزغىشىغا سەۋەب بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن، قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ باردى، خىتاي مەتبۇئاتلىرى قوراللىق باستۇرۇشتا پەقەت 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 3 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئەمما كەنت ئاھالىسى ئاز دېگەندە 9 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 30 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋەقە خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ 1989 - يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاي ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئەڭ قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.
دۇڭجۇ كەنتى قاتتىق قامال قىلىنغان
دۇڭجۇ كەنتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئىستانسىمىزنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لىن دى نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.
مۇخبىرىمىز لىن دىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، دوڭجۇ كەنتى پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان بولۇپ، كەنت ئىچىدىن سىرتقا چىقىش ياكى كەنتكە كىرىش ئىنتايىن قېيىن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە ئاندىن كەنتكە كىرىشكە ۋە كەنتتىن چىقىشقا رۇخسەت بېرىلىدىكەن.
كەنتكە كىرىشى بىلەنلا مۇخبىرىمىز لىن دىنىڭ كۆزىگە چىلىققىنى كەنتنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ باشلىرى كەنت ئاھالىسى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن تۆلەم شەرتىگە قايىل بولماي، نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر قۇرۇلۇش توختۇتۇپ قويۇلغان.
بىراق دۇڭجۇ كەنتىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ ئىستانسىمىز مۇخبىرى لىن دىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، 6 - دېكابىر نامايىش قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلېكتىر ئىستانسىسى يەنە قايتا ئىش باشلىغان، ئوتتۇرا ياشلىق بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلېكتىر ئىستانسىسى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى ئىگىلىۋىلىپلا قالماستىن بەلكى كەنتنىڭ بېلىقچىلىق ئىشلىرىغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. خەلقنىڭ نالىسى
بۇ كىشى مۇخبىمىزغا كۆزىدىن ياش تۆكۈپ تۇرۇپ: " سىز ئېيتىپ بېقىڭا، بىز يەرگە ۋە سۇغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىمىز، ئەگەر يېرىمىز تارتىۋىلىنسا، سۈيىمىز بۇلغانسا بىزنىڭ ھايات قېلىشىمىزنىڭ نىمە ئەھمىيىتى" دېگەن. يەنە بىر كىشى مۇخبىرغا " قۇراللىق باستۇرۇشتا ئۆلگەن ئادەم سانى ئۈچ ئەمەس بەلكى 20 دىن ئاشىدۇ، قولغا ئېلىنغانلار سانىمۇ مەتبۇئاتلاردا دېيىلگىنىدەك 3 بولماسىتىن بەلكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق، كۆزدىن ياش ئاققۇزۇدىغان بومبا ئېتىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن نامايىشچىلار قېچىپ كىتەلمىدى، ئۇلار ئوققا تۇتۇلدى ياكى تۇتۇپ كىتىلدى " دەپ ئىنكاس قىلدى.
دۇڭجۇ كەنتىنىڭ نوپۇسى 30 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قانچە كەنتنىڭ ئاھالىسىنى قوشۇپ ھېسابلىنىغاندا ئومۇمىي نوپۇس 110 مىڭدىن ئاشىدىكەن، ئەگەر ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى داۋاملىق توك ئىشلەپ چىقارسا، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن كىرىم قىلىۋاتقان ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۈقەررەر، بۇنى تونۇپ يەتكەن خەلق، مەزكۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز لىن دىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى
مۇخبىرىمىز لىن دى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن دۇڭجۇ كەنتىدىكى جىددىيلىكنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:
" كەنتكە كىرگىنىمدە دەسلەپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىشقا ئائىت ئېلانلار ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ئەسكەر ۋە ساقچىلار كۆزۈمگە چېلىقتى" .
لىن دى يەنە بىۋاستە كەنت ئاھالىسىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
"گەرچە ۋەقە يۈز بېرىپ 10 نەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، ساقچىلار يەنىلا كەنت ئىچىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، جىنايىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار ھەمدە نامايىشنىڭ قوزغىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلار ۋە قايتا قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئۈچۈن كەنت ئاھالىسىنى قۇتراتقۇچىلارنى پاش قىلغانلار كۆپ پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن، پاش قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى مەخپىي تۇتۇلىدىكەن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشلىرى كوچا - كوچىلارغا چاپلانغان".
ھۆكۈمەت يەنە، دۇڭجۇ كەنتىگە سىرتتىن مۇخبىر كىرىشنى قەتئىي چەكلىگەن بولۇپ، ئىستانسىمىز مۇخبىرى لىن دى ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىققا مەجبۇر بولغان. لىن دىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇڭجۇ شەھىرىدە خوڭكوڭلۇق تىجارەتچىلەر ۋە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن خوڭكوڭلۇقلار خېلى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلار ئۇنىڭدىن گۇمان قىلمىغان، ئەمما كەنت ئاھالىسىدىن بەش - ئالتە كىشى لىن دىغا " سىز سىرتتىن بۇ ئىشنى ئىگىلەش ئۈچۈن كېلىپسىز " دەپ بەزىلىرى ئۇنىڭدىن قاچقان، يەنە بەزىلىرى ساقچىلار سېزىپ قالمىسۇن، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشى قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتىدۇ، تورخانىلارمۇ تاقالدى، سىز قايتىپ كەتكەندىن كېيىن بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەپ قويۇڭ، بىزچە ھەتتا مەركەزدىكى رەھبەرلەرمۇ بىزنىڭ ئىشىمىزدىن خەۋەر تاپمىغان بولۇشى مۇمكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بىزنىڭ ئىشىمىز پەقەت مۇشۇ يەردىلا بېسىقتۇرۇلۇۋېتىپتۇ" دېگەن.
گەرچە دۇڭجۇدا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ قوراللىق باستۇرۇلۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى ھېسابلانسىمۇ، بىراق ۋەقە يۈز بەرگەن بۇ جايدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەنۋېي شەھىرىدە لىن دى بىلەن سۆزلەشكەن 7 - 8 كىشىدىن كۆپىنچىسىنىڭ زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋىرى يوق ئىكەن، بەزىلىرى ھەتتا لىن دىدىن " دېھقانلار باشلىقلارنى تۇتۇۋىلىپ ئۆلتۈرۋەتتى دەيدىغۇ بۇ راستمۇ ؟ دەپ سورىغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇڭجۇ يېزىسىدا يەنە ئىككى نەپەر نامايىشچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
- گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا
- گۇاڭدۇڭ ئىشچىلىرى 1 -ئۆكتەبىرنى نامايىش بىلەن كۈتىۋالدى
- خىتايدا يېزا- كەنتلەردە ئۇرغۇۋاتقان دېموكراتىك ئاڭ
- گۇاڭدۇڭدىكى يەر داۋاسى ۋەقەسىدە نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىش بولدى؟