يېقىندا خىتايدا ئېچىلغان 2006 - يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە خىزمىتى يىغىنىدا، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى گاۋ چياڭ " خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە قارايدىغان ھەرقايسى دوختۇرخانىلار چوقۇم بىمارلارنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك، بولۇپمۇ كېسىلى ئېغىر بولغان بىمارلار ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىمارنى قۇتقۇزۇپ، ئاندىن ھېسابات قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك " دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە "ھازىردىن باشلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كېلىشىم باھالىق دوختۇرخانا ۋە كېلىشىم باھالىق دورىخانا سېلىنىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كىرىمى تۆۋەن بولغان بىمارلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش ۋە داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ " دەپ بىلدۈرگەن.
نامراتلارنى قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسى
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل كېلىشىم دوختۇرخانىدىن ئىككىسى بولۇپ، ئىككىلىسى ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان ئىكەن ھەمدە كىشىلەر بۇنداق دوختۇرخانىنى "نامراتلارنى قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسى" دەپ ئاتايدىكەن.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى كېلىشىم باھالىق دوختۇرخانىلارنىڭ يەنى نامراتلارنى قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرىنچى كېلىشىم دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم بىر دوختۇرخانا خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانا 2004 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، كىرىمى تۆۋەن بولغان ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىگە بولغانلار ئۈچۈن ئېچىلغان ئىكەن.
دوختۇرخانىلار ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىدى
خىتاي ياشلار گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا "ئەسلىدە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۆزى كېلىشىم دوختۇرخانىنىڭ رولىنى ئوينىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىر ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلمىدى. شۇڭا سەھىيە مىنىستىرلىقى كېلىشىم دوختۇرخانا قۇرۇش ئارقىلىق، كىرىمى تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش ۋە داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان" دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۇر باياناتچى سۆزىدە يەنە " كېلىشىم دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش ھەققى تۆۋەن بولغىنى بىلەن، سۈپىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك ھەمدە داۋالاش تېخنىكىسى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت كېلىشىم دوختۇرخانىلىرىنى سېلىشتا، ئالدى بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ بولۇپمۇ شەھەرلەرگە كىرىپ مەدىكارلىق قىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك " دەپ بىلدۈرگەن.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كېلىشىم دوختۇرخانىنى قۇرۇشتا، ئاساسەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىشى كېرەك ئىكەن. لېكىن قانچىلىك مەبلەغ سېلىش ھەققىدە، مەملىكەت ئىچىدە تا ھازىرغىچە تېخى بىر ئورتاق ئۆلچەم بولمىغان.
نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق بىرىنچى كېلىشىم دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر خىزمەتچى خادىم دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىغا دەپ ئاجراتقان پۇلىنىڭ داۋاملىق كېچىكىپ، ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن، دوختۇرخانا ئۆز شارائىتىنى ياخشىلاشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
كۆپلىگەن ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كېلىشىم باھالىق دوختۇرخانا سېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرالىشى يەنىلا ناتايىن ئىكەن. چۈنكى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا مەبلەغ مەسىلىسى بولۇپ، ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ خىل دوختۇرخانىغا زور دەرىجىدە مەبلەغ يەتكۈزۈپ بەرمىسە، دوختۇرخانا تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. (مېھرىبان)