گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان "دوزاخقا قېچىش" ناملىق ئەسەر ئېلان قىلىندى


2006.07.14

گېرمانىيىدىكى ھەپتىلىك مەشھۇر سىياسىي ژورنال "ئەينەك" نىڭ 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى سانىدا "دوزاخقا قېچىش" ناملىق بىر ئەسەر ئېلان قىلىندى.

ئەسەرنىڭ ئاپتورى ژۇرنالىست خاۋكې گوس ئەپەندى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان تۇنجى ئەسىرى ئەمەس. خاۋكې گوس ئەپەندى ئىلگىرى مەزكۇر ژۇرنالغا "بۇرژۇئا ئىنقىلابچى" ناملىق ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى تونۇشتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاساسى تېما قىلغان ئەسەرلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

"دوزاخقا قېچىش" ناملىق بۇ ئەسەردە، گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالبانىيىگە يەرلەشكەن ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى مەزمۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىققانلىقى ۋە بۇ يەردىن ئافغانىستانغا قانداق كىرىپ قالغانلىقى، نېمە سەۋەبلەردىن ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلۇق ھاياتىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈلپەتلىرى بىلەن بىرگە، ھازىرقى ئارزۇ - ئىستەكلىرىمۇ بايان قىلىنغان.

مەزكۇر ئەسەر قارىماققا بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى بايان قىلغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئۇنىڭدا ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر قانچە مەسىلە يورۇتۇپ بېرىلگەن. مەسىلەن: بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 1997 - يىلى يۈز بەرگەن "5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" گە قاتناشقانلىقى. بۇ ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى. نۆلدىن تۆۋەن 20 گرادۇس سوغۇقتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا سۇ چېچىپ، ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە 196 ئادەمنىڭ مېيىپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنىڭ قاچقۇنلۇق تەقدىرىگە مەھكۇم قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئۇزۇن بىر تارىخى سەرگۈزەشتە ئىزاھلانغان. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسىنىڭ بولمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن باشقا دۈشمىنى يوقلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى، 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تارتقۇزۇپ قويغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى شەرھىلەنگەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا سەلبىي مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. "گېرمانىيە ئۆزىنىڭ سودا شېرىكىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى" دېيىش ئارقىلىق، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە سەل قارىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەركىن زۇنۇن ئەپەندى: "بىز گۇانتانامودىكى قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيە تەقسىم قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.