ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەنقەرە باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى "شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى" ماۋزۇلۇق دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.07.27
Enqerede-yumulaq-ustel-yighini-urumqi-305 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺑﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ "ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﺩﯛﮔﯩﻠﻪﻙ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ يىغىنغا پروف. در. ئابدۇلقادىر ۋاروغلۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتقىدا، بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسەتنىڭ تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى بەلگىلىشىگە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، يىغىندا دېيىلگەن سۆزلەرنى رەتلەپ بىر دوكلات تەييارلاپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىندا پروف. در. ئۇيغۇر تازەباي ئەپەندى، پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، پروف. در. سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، چانقايا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەريەم ھاكىم خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.

يىغىن ئىككى بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئىككىنچى بۆلۈمدە مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولۇشى كېرەك؟ تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ئۈستىدە توختالدى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.

پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈركىيىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى تامامەن ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيە تەكىتلەپ كەلگەن خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز دېگەن سۆزىنى شەرتلىك ھالدا دېيىشى كېرەكلىكىنى، يەنى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدىغان تەقدىردە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز دېيىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنقەرە باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنى چاقىرىپ ئۆتكۈزگەن دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇتەخەسسىسى، ئەنقەرەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن جەمئىيەتشۇناس ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.