دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى 1995 - يىلىدىن بۇيان يىلدىن - يىلغا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن بولۇپ 2006 - يىلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. لېكىن 2007 - يىلىغا كەلگەندە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر قەدەر تۆۋەنلەيدىكەن.
دوكلاتتا خىتاي ئىقتىسادى
مەزكۇر دوكلاتتا "ھازىرنىڭ ئۆزىدە خىتاي ئىقتىسادىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى ۋە تۈزۈلمە مەسىلىسى دېگەندەكلەر خىتاي ئىقتىسادىغا زور خەۋپ -خەتەر ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامىللار " دەپ كۆرسىتىلگەن. ھەمدە "بۇلارغا سېلىشتۇرۇلغاندا، ئىقتىسادنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى يوقىرىدەك زور خەتەر ئېلىپ كەلمەيدۇ " دەپ بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكىدىكى ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، خىتاي ئىقتىسادى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس جاڭ خىن ئەپەندى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەددىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خىتايدىكى ئېكىسپورت مەسىلىسىگە بولغان تەسىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى دوكلاتتا، 2007 - يىلى خىتاينىڭ چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىشى 20% ئۆرلەيدىكەن، ئىمپورت قىلىشى بولسا 17 % ئۆرلەيدىكەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىدىكى بۇ خىل ئېكىسپورت قىلىش نىسبىتىنىڭ ئىمپورت قىلىش نىسبىتىدىن داۋاملىق يۇقىرى بولۇپ تۇرۇشى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مەسىلەن، ھازىر خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى بار بولغان دۆلەتلەر بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقتىن قاتتىق نارازى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلىشتا پەقەت ئىكىسپورتقىلا تايىنىۋالماسلىققا چاقىرماقتا ئىكەن.
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى تېز بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان. مەسىلەن بانكىدا قويۇلغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ئۆرلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىقدارىنىمۇ كۆپەيتمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى سەھىيە ۋە مائارىپقا بولغان چىقىمىنىمۇ كۆپەيتىشكە باشلىدى. لېكىن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، خىتاي ئىقتىسادىدىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى. ئەگەر بۇ مەسىلە بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، خىتاي ئىقتىسادىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەرقانداق مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.
خىتاي ئىقتىسادى تۈرلۈك خەتەرلەرگە دۇچ كەلمەكتە
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لياۋ تيەنچى خانىم خىتاي ئىقتىسادىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان تۈزۈلمە مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز ئۆي پىكىرلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:
"خىتاي ئىقتىسادى قارىماققا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن، يەنىلا تۈرلۈك خەتەرلەرگە دۇچ كەلمەكتە. دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر ناھايىتى توغرا. خىتاي ئىقتىسادىدا مەۋجۇت قۇرۇلما مەسىلىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر دەرىجىگە يەتكەن. بۇنىڭدا بىرىنچى بولۇپ مالىيە مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش توغرا كېلىدۇ. ھازىر خىتايدىكى بانكىلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا،. شۇنداقلا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ھېچقاچان بازار ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆرلىمىگەن. ئىككىنچى بىر مەسىلە خىتايدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار تا ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. شەخسى كارخانىلار بولسا تېخىمۇ بەك مالىماتاڭ بولۇپ، نۇرغۇن سانائەت ۋە سودا ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك تۈزۈلمە مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىشىدۇ ". (مېھرىبان)