ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە 1962 - يىلى 18 - ماي كۈنى قۇرۇلغان خەلقئارالىق ئىسلامىي ئىتتىپاقتۇر. قارارگاھى ھازىرمۇ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە بولۇپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.03.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇشكىلاتلىرىنى ئىسلامىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشدۇ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

پاكىستان فەيسەل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەرىھىرىدىكى " ئىسلام دۇنيا تتىپاقى"دا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇراھمان ھاجىم بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراھمان ھاجىم "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"تەشكىلاتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: " ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان. ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنى تەسىس قىلغۇچىلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ لىدېرلىرىدىن مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ بار ئىدى. دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي كۆمىتېتلىرىغا، خەلقئارا تەلىم - تەربىيە تەشكىلاتى (يۇنىسكو)غا، خەلقئارا بالىلار تەشكىلاتى(يۇنىسىف)قا، خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىغا، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ يىغىنلىرىغا كۆزەتچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدۇ."

"ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى" تەشكىلاتىنىڭ غايىسى

ئابدۇراھمان ھاجىم يەنە مۇنداق دىدى:" "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دىدى: " ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە شۇنداقلا غەيرى ئىسلامى مەملىكەتلەردىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ دىن، مەدەنىيەت ۋە تەربىيە سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ۋە ئىشلەيدۇ. ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىسلام شەرىئىتىگە زىت كەلمەيدىغان پۈتۈن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. ئىسلام دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇش يولىدا زاماننىڭ تەرەققىياتىغا لايىق ئۇسۇل ۋە چارىلەرنى قوللىنىدۇ."

"ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ" تەشكىلاتىنىڭ كۆلىمى ۋە خىزمەت دائىرىسى

ئابدۇراھمان ھاجىم يەنە مۇنداق دىدى:" "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"تەشكىلاتىنىڭ كۆلىمى ۋە خىزمەت دائىرىسى ھەققىدە مۇنداق دىدى: ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 40 تىن ئارتۇق شۆبىلىرى بولۇپ، ئۇلار مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خۇسۇسەن، مەسجىدلەرنى بىنا قىلىش، مەكتەبلەرنى ئېچىش ۋە نامرات رايونلارغا ياردەم قىلىش، ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدە ئىسلام قۇرۇلتىيى، ئىتتىپاقنىڭ تەسىس يىغىنى، مەسجىدلەر كومىتېتى، فىقھى ئاكادېمىيىسى قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان. مۇندىن باشقا خەلقئارا ئىسلامى قۇتقۇزۇش فوندى، قۇرئان ۋە ھەدىس تەتقىقات ھەيئىتى، مەككە خەيرىيەت جەمئىيىتى، قۇرئان يادلىتىش خەلقئارالىق ھەيئىتى، خەلقئارالىق ئىسلام تەشۋىقات كومىتېتى، يېڭى مۇسۇلمانلارنى يېتىشتۈرۈش كومىتېتى قاتارلىق كۆپلىگەن ھەيئەت ۋە كومىتېتىلار ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىش كۆرىدۇ."

ئابدۇراھمان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ ھەيئەت ۋە كومىتېت ئەزالىرى دۇنيادىكى ئوخشاشمىغان مۇسۇلمان مىللەتلەردىن تاللانغان ئۆلىما، مۇتەپەككۇر ۋە يازغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.