ئامېرىكا- خىتاي ئەللىرى يەنە بىر نۆۋەتلىك سودا دىئالوگى باشلىدى


2007.05.22

TRADE-BALANCE-US-CHINA-150.jpg
خىتاي - ئامېرىكا سودا تەڭپۇڭسىزلىغىنى ئىپادىلەيدىغان سانلىك مەلۇماتلار. Graphic showing trade balance figures reported by both China and the US for the two countries 2004-2007. by AFP

ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيچىلىكنى يۇمشىتىش مەقسىتىدە،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىنچى نۆۋەتلىك سودا مۇناسىۋەتلىرى سۆھبىتىنى باشلىدى.

بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىپ تاپقان نەچچە ئون كىشىلىك ئۆمەك تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا تەرەپتىن مالىيە مىنىستىرى ھېنرى پائۇلسون Henry Paulson باشلىق 10 نەپەر ئىچكى كابىنېت دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەشكىل تاپقان سۆھبەت ئۆمىكى، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى ( زۇڭلى) ۋۇ يىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 14 نەپەر مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەشكىل تاپقان خىتاي ئۆمىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا ، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە تېخنىكىلىرىنى ۋە بانكا سىستېمىسىنى خىتايدا بازار تاپتۇرۇش جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈمىد قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر ئىككى تەرەپ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە قاراپ چىقىشنىمۇ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن.

ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ‏- خىتاي سودىسىدا كۆرۈلگەن قىزىل رەقەم تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن

ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا مۇشۇ تىپتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تەركىپ تاپقان سۆھبەت ئۆمىكى، بىرىنچى قېتىملىق "ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادى دىئالوگ" نى بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان. ھەمدە ئۆتكەن يىلى كۈزدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىككى دۆلەت ھەر يىلدا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ تۇرۇش ھەققىدە كېلىشكەن ئىدى.

ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا ھاسىل بولغان غايەت زور قىزىل رەقەم232.5 - مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

ئۆتكەن يىلى كۆرۈلگەن قىزىل رەقەم، ئامېرىكا ‏- خىتاي سودا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن دەپ قارالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىزىل رەقەم ئامېرىكا ئومۇمىي سودا قىزىل رەقەمنىڭ 3 تىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن.

سودا تەڭپۇڭسىزلىقى، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىي تەرەپلەرنىڭ بىرى

ئۆتكەن ھەپتە 42 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى بۇش ھۆكۈمىتىگە مۇراجەتنامە سۇنۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىدە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشنى ئۆتۈنگەن ھەمدە خىتاينى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىغان.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايسمۇ خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى دېگەندەك ئاقلاپ كىتەلمىگەنلىكىنى، "ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى" غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى جەھەتتە توختىلىپ: "پۇل جەھەتتە ھەنرى پائۇلسون كوپ جاپالىق ئىشلىدى. خىتايلار ئۆز ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادى سىستېما قائىدىلىرىنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشى كېرەك" دېگەن ئىدى.

خىتاينى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلەس سچۇمەر، خىتايلارنىڭ تېخىچە بۇ جەھەتتە بىر كونكرېتنى ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جازا خاراكتېرلىك قانۇن لايىھىسى تۈزۈپ چىقماسلىقىنى ئارزۇ قىلسا، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى قەدىمىنى تىزلىتىشى كېرەك ئىكەن. باشقا ئەمەلدارلار ، سودا ئالاقىسىدا خىتايغا قارشى جازا خاراكتېرلىك قانۇن بەلگىلەش ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك سودا ئۇرۇشى پەيدا قىلىدۇ دەپ ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا خىتاي دۆلەت مىنىستىرى ۋۇ يى: "ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇش قەتئىي ئەقىلگە سىغمايدۇ" دەيدۇ.

ئۇ يەنە ، ئامېرىكا تەرەپتىكى جىددىيچىلىككە ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ: " بىز ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان ئىشلارنى قىلماسلىغىمىز كېرەك. توقۇنۇش ھېچنېمىنى ھەل قىلالمايدۇ" دېدى.

بۇ نۆۋەتلىك "ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادى دىئالوگ" قا قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبلىك بۇ سۆھبەتنى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ كۆرسەتكەن ھېنرى پائۇلسون: " ھەر ئىككى تەرەپ ئارىمىزدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ساغلام ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىمىزگە نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق" دەيدۇ.

خىتايلار ئامېرىكا سودىسىدا كۆپلەپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تۆۋەنلەتكەن

ئامېرىكىلىق ئىقتىساد شۇناسلار خىتاينىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى 40 پىرسەنت توۋەن تۇتۇش ئارقىلىق ئامېرىكىغا كىرگۈزىدىغان خىتاي ماللىرىنى ئەرزان، ئەكسىنچە ئامېرىكىدىن خىتايغا كىرگۈزىدىغان ماللارنى قىممەت قىلىۋەتكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان.

شۇڭا، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئالاقىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىشتا، ئالدى بىلەن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ خېلى ئۇزۇندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئەگەر خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرمىسە، ئامېرىكا جازا خاراكتېرلىق قانۇن بەلگىلىشى مۇمكىن

بۇ نۆۋەتلىك سودا سۆھبىتىدە ھېچقانچە يېڭى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىسادى ئىنستىتۇتىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى Nicholas Lardy ئامېرىكا ئاممىۋىي رادىئوسىدا، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ئامېرىكا تەرەپ كۈتكەندەك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: ئامېرىكا تەرەپنىڭ، بولۇپمۇ دۆلەت مەجىلىسىنىڭ كۈتكەنلىرى ئۇلارنى نائۈمىد قويۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن" دەيدۇ.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتايلار بەزى ئامېرىكا ماللىرىغا قويۇلىدىغان باجنى تۆۋەنلىتىش ياكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بانكىلىرىغا مەبلەغ سېلىشى قاتارلىقلارنى سەل قويۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىلگىرى، ھېنري پائۇلسون، ئەگەر بۇ قېتىملىق سۆھبەت مەغلۇپ بولسا، ئامېرىكا ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشتا، خىتاي ئالاھىدە قوغدىنىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ، پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىسادى ئىنىستىتۇتىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى گرەي ھۇفبائۇئېر Grey Hufbaue:"مېنىڭچە، قىممىتى تۆۋەنلىتىلگەن ئالماشتۇرۇش نىسبىتىگە قارىتا دۆلەت مەجلىسى خىتايغا جازا قوللىنىشى مۇمكىن" دەيدۇ. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.