0:00 / 0:00
8- ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەتلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قۇرۇلتاي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە باش كاتىپى دولقۇن ئەيسالار مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
تۆۋەندە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھاتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە دىققەت قىلىڭ.