0:00 / 0:00
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ميۇنخېندىكى ئىجرائىيە كومىتېت يىغىنى دۈشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ تەشكىلى ئاپپاراتى ۋە رەھبەرلىك قاتلىمى قىسمەن تەرتىپكە سېلىنغان. قۇرۇلتاينىڭ يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئازاتلىقى يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدۇ دەپ كۆرسەتتى .
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھاد مۇھەممىدىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.