د ئۇ ق نىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلدى

0:00 / 0:00

باش شىتابى گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىگە جايلاشقان، United دەپ ئاتالغان تەشكىلات تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان "كۈندىلىك ھاياتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقچىلىق" دىگەن تېمىدىكى يىغىن نورۋىگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە مۇشۇ ئاينىڭ 27 -كۈنى رەسمىي باشلاندى.

يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان 28 دۆلەتتىن كەلگەن 82 تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بار بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرمىز ئەقىدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.