0:00 / 0:00
4-ماي كۈنى ئىتالىيىنىڭ تاغلىق شەھىرى رېيتىدا، مەركىزى ئىتالىيىدىكى رېيتى مۇھاجىرلار جەمئىيىتى، ئىتالىيە تەنھەرىكەتچىلەر بىرلەشمىسى، فىنلاندىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتى، گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئالتە خەلقئارالىق تەشكىلات بىرلىشىپ "توساقلاردىن ئۆتۈش" تېمىسىدا يىغىن ئاچتى.
يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ياۋروپادا ئىلتىجا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز قانات، يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدى.