0:00 / 0:00
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەركىزى ئىتالىيىدىكى رېيتى مۇھاجىرلار جەمئىيىتى، ئىتالىيە تەنھەركەتچىلەر بىرلەشمىسى، فىنلاندىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتى، گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئالتە خەلقئارالىق تەشكىلات بىرلىشىپ، 4-ماي كۈنى ئىتالىيىنىڭ رېيتى شەھىرىدە " توساقلاردىن ئۆتۈش" تېمىسىدا يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىن 8-ماي كۈنى ئاياقلاشقان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.