0:00 / 0:00
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى مونتېرىيال شەھىرىدىكى 200 گە يېقىن ئۇيغۇر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، مونتېرىيالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى سورىدى.
مونتېرىيالدىكى پائالىيەتكە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل شۇنىڭدەك پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى غۇلامىدىن پاختا قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىشىنى، سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.