دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەنگلىيىنىڭ ببس رادىئو – تېلېۋىزىيە مۇخبىرى ۋە بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورىزمنى باھانە قىلىپ، ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرنى، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى ۋە دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دىلشات رىشىت خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى، تېررورىزمغا ئىككى خىل ئۆلچەم قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ھەتتا ئەركىن دىنىي پائالىيەت قىلغانلارنىمۇ تەررورىست دەپ ئاتاپ، خىتاي تېررورستلىرىنىڭ ئاپتوبۇس پارتلىتىش، مەكتەپ پارتلىتىش قاتارلىق تېررورسىت ھەرىكەتلەرنى قىلغانلارنى بولسا تەررورىست دەپ قارىمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا بولغان قارشىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.