د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكلات ئېلان قىلدى


2006.05.04

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەسىس قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىقى مۇناسىۋىتى 4 –ئاينىڭ 28 –كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى ۋە يېتىشەلمىگەن تەرەپلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى، جۈملىدىن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجابىي ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى. گېرمانىيىدە داۋاملىشىۋاتقان 30 ئوغۇل مەشرىپى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن رازى ئىكەنلىكىنى، قۇرۇلتاي ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلغان مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2004 – يىلى شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىشىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دۇنيادىكى 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلات ئۇنىڭغا ئەزا.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.