د ئۇ ق ۋەكىلى 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقتا

0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ ئىزمىت شەھىرىدىكى GreenPark مېھمانخانىسىدا ئىككىنجى نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئاناتولىيە ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قۇرۇلتايغا 57 دۆلەتتىن 130 رەسمىي ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن.

بۇ قۇرۇلتايغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن ئابدۇجېلىل تۇران قاتناشماقتا. بۇ يىغىننىڭ تەپسىلى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پايدىسى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلارنى، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.