د ئۇ ق 2 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ئاخبارات باياننامىسى ئېلان قىلدى


2006.11.20

11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى د ئۇ ق غەرب ئاخبارات ساھەسىدە ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 11 –ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە چاقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن، ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، گوللاندىيە، بېلگىيە، فرانسىيە شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ئەنگىلىيە، شۋېتسارىيە ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن باشقا، گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، باۋارىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتنىڭ ۋەكىللىرى، پارتىيە رەھبەرلىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، چېگرىسىز ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ۋە ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا، شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمغا "ئۇيغۇر مۇكاپاتى" تەقدىم قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسى يولىدا سەرىپ ئەتكەن ئەجرىگە تەشەككۈرلەر بىلدۈرىدىكەن.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا ئۆزگىرىش بولىدىكەن. ۋەكىللەر يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق بېكىتىپ چىقىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ ئاخبارات باياننامىسىدا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم بىر تارىخى ھادىسە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

باياننامىدا، د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە دۇنيا جامائەتچىلكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆپرەك بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سىياسى كەلگۈسىنى ئۆزلىرى تەيىن قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئاساسلىق ھەق - ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىق قىلىنىدىكەن. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.