2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى
2006.11.27
11 – ئاينىڭ 24 – كۈنى داغدۇغا بىلەن باشلانغان 2 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق، بارلىق پروگراممىلىرىنى ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى تۇرغۇزۇپ چىققاندىن كېيىن، 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى كەچ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا 15 دۆلەتتىن كەلگەن 59 نەپەر رەسمىي ۋەكىل ئىشتىراك قىلدى. قۇرۇلتايدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ستراتېگىيىسى تۈزىلىش بىلەن بىللە، قۇرۇلتاينىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋەكىللەرنىڭ تولۇق ئاۋازدا تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلتاي رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
تۆت كۈن داۋام قىلغان قۇرۇلتاي جەريانىدا يەنە، د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارماق تەشكىلاتلىرى تولۇق ۋەزىپىلەندۈرۈلدى ۋە ۋەكىللەرنىڭ يېڭى پىلان – پروگراممىلىرى بويىچە بىر ئۈچ يىللىق خىزمەت پىلانى تەستىقلاندى. ۋەكىللەر بىر دەك ھالدا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تارىخىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھادىسە بولغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ تەبرىكلىرى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئانجىلا مەركىل خانىم تەبرىك مەكتۇبى يوللاپ، قۇرۇلتاينى تەبرىكلىدى. بۇ گېرمانىيە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنى قوللاش ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىنتىرىمۇ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا تەبرىك مەكتۇبى يوللاپ، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىدىكى باش ئەلچىلىرىدىن بولۇپ 50 تىن ئارتۇق ئورۇن تەبرىك مەكتۇپلىرى يوللىغان. ئەكسىنچە، خىتاي كونسۇللىرى گېرمانىيە ھۆكۈمەت بىناسىغا كېلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە د ئۇ ق قاتناشماسلىق ۋە رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشمەسلىك ھەققىدە تەۋسىيىلەردە بولغان. گەرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ۋە 24 – نويابىر كۈنى ميۇنخېندىكى خىتاي باش كونسۇلى ياڭ فامىلىلىك خىتاينىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ميۇنخېن كەچلىك گېزىتىدە "خىتاي جاسۇسلىرى ھۆكۈمەت بىناسىدا" سەرلەۋھىلىك نارازىلىق بايانلىرىنى ئېلان قىلغان.
26 – نويابىر كۈنى ئېچىلغان يېپىلىش مۇراسىمىدا، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇنىڭ ئارقىدىن د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، رابىيە قادىر خانىمنى ۋە يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئاخىرىدا ناخشا – ئۇسۇل بىلەن قۇرۇلتاي غەلىبىسىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىندىن كېيىنكى نامايىش
11 – ئاينىڭ 27 - كۈنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى 15 دۆلەتتىن كەلگەن 59 ۋەكىلنىڭ ۋە يۈزلىگەن گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ھەيۋەتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، د ئۇ ق نىڭ ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى. بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئۇيغۇرچە، خىتايچە، گېرمانچە، تۈركچە، رۇسچە تىللاردا "خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن، ۋەتەن بىزنىڭ، ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق" دېگەندەك نەچچە ئونلىغان تېمىلاردا جاراڭلىق شۇئارلار توۋلىنىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىنى لەرزىگە سالدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى مەزمۇنلاردىكى ھەر خىل ۋىۋىسكىلارنى ۋە ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرىشىۋالغان ئىدى. گېرمانىيە پۇقرالىرى ۋە مۇخبىرلار نامايىشنى كۈچلۈك دىققىتىگە ئالدى. گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى نامايىشچىلار بىلەن خىتاي كونسۇلى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە جىددىي ھالەتتە تۇردى.
بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، بۇ نامايىشتىن ۋە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋە قۇرۇلتايدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى نامايىشتا، نامايىشچىلار د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىگۇناھ قولغا ئېلىنغان پەرزەنتلىرىنى ۋە ھۈسەيىن جېلىل قاتارلىق بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، كۈچلۈك شۇئارلار توۋلىدى. نامايىش ئاخىرلاشقاندا، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى نامايىشچىلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلاندى
- ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قىسقىچە نەزەر
- رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيىدە
- د ئۇ ق 2 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ئاخبارات باياننامىسى ئېلان قىلدى
- د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولغانلىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
- د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چەتئەللەردىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەنقەرەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى
- د ئۇ ق ۋەكىلى 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقتا