د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا


2006.12.12

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەجان، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىم سېيىتلەردىن تەركىپ تاپقان د ئۇ ق ھەيئىتى 11 – ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 30- كۈنلىرىگىچە ياۋروپا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، پارلەمېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمى ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلار بەرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى، ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، بىر قاتار سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

12 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 9 – كۈنىگىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر، يەنە بىر قېتىم ياۋروپا پارلامېنتىدا ترانسناتىئونال رادىكال پارتىيىنىڭ ساھىپخانلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن « لېبېرالىزىم ۋە دېموكىراتىيە" ناملىق خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشقان. بۇ يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتنىڭ ئەزالىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى سىياسى پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتكەن.

يىغىندا يەنە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى سۆز قىلىپ، دېموكراتىيە ۋە لىبېرالىزم ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان.

يىغىن جەريانىدا دولقۇن ئەيسا ۋە ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەدۋارد Mc-Millan Scott، ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى Benita Ferrero-Waldner، ياۋروپا لىبېرال ۋە دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى، پارلامېنت ئەزاسى Graham Waston، ترانسناتىئونال رادىكال پارتىيىنىڭ رەھبىرى Marco Pannella، مەركىزى ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەخپىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرۇشۇپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

12-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا يەنە دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. بۇ يىغىنغا پارتىيە ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن بىرگە، دولقۇن ئەيسا ۋە ئەنۋەرجان ئەپەندىلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.