چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

0:00 / 0:00
duq-qurultay-300.jpg
24 – 26 – نويابىر كۈنلىرى گېرمانىيىدە چاقىرىلغان 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر بىللە. رەسىمنى د ئۇ ق تەمىنلىگەن

گېرمانىيە پرېزىدېنتى Horz Köhler، گېرمانىيە باش مىنىستېرى Angela Merkel تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن 2 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق غەلىبىلىك چاقىرىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم رەئىسلىكىدىكى د ئۇ ق توغرىسىدىكى خەۋەرلەر، غەرب مەتبۇئاتىدا ناھايىتى كەڭ ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇشىدا "ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى"، دەپ باھالىنىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ، چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئورنى زادى قانچىلىك؟

24 – نويابىردىكى 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان "خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى" نىڭ مەسئۇلى ئۇلرىچ دېلىيۇس ئەپەندى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەمەلىي پاكىتلىرى بىلەن ئەتراپلىق شەرھىلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ زۇلۇملارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دېگەنىدى:

"بىز - خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى 10 يىلدىن ئارتۇق بىر مۇددەت ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلد ئۇ ق. ئەينى يىللاردىكى تارقاق، چېچىلاڭغۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۈگۈن د ئۇ ق نىڭ بىرلا تەشەببۇس بىلەن ھەممىلا دۆلەتتە باراۋەر ھەرىكەت قوزغىيالايدىغان مۇنتىزىم بىر قوشۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ نەتىجىلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغان ۋاقتىمىزدا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىزكى، ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ زور نەتىجىلىرىدىن بىرى؛ د ئۇ ق نىڭ بۈگۈن خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتقا ئايلانغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا كونگرېسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا قەدەر سىڭىپ كىرگەنلىكىدە، شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئىش بىرلىكى قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشتىن باش تارتمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ" دېگەن ئىدى ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق خۇلاسىلىغان: "بىز د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش مۇساپىسىدا ناھايىتى، ناھايىتىمۇ قېيىن ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتتۇق. سىياسىي سەھنىدە ۋە تەشۋىقات ساھەسىدە دىيەرلىك دەرىجىدە كۆزگە چېلىقمايدىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بۈگۈن خەلقئارالىق جىددىي بىر مەسىلە ھالىغا كەلدى. خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك تەقدىرى ئۈچۈن قۇربى يەتكەن ياردەمنى قىلىشقا ھەر قاچان تەييار. مەن بارلىق ئۇيغۇرلاردىن د ئۇ ق دىن ئىبارەت بۇ بايراق ئەتراپىغا مەھكەم ئۇيۇشۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىنى قولغا كەلتۈرىشىگە يار – يۆلەكتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن".

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 2 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئاخىرلىشىپلا قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ باۋارىيە پارلامېنتى، گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىشى ھەمدە 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى Volker Beck ئەپەندىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتى يىغىنىدا 614 نەپەر ۋەكىل ئالدىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇنداقلا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كانادا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى د ئۇ ق نىڭ ئورنىنىڭ ئالاھىدە يۈكسەلگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى سانىلىدىكەن.

چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پاستور ئەپەندى نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەنىدى:

"بىز د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تۆھپە قوشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ناھايىتى خۇرسەنمىز. بىز ئامېرىكا كونگرېسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش يولىدىكى تېرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋام قىلدۇرىۋاتىمىز. بىز ئوزئارا ھەمكارلىشىپ كۆرىشىمىزنى داۋام قىلدۇرساق، خىتاي ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قازىنىمىز. مەن بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدە خاتالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن، خىتاينىڭ سىلەردىن قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن. گەرچە سىلەردە خىتايدا بار كۈچ بولمىسىمۇ، ئەمما خىتايدا سىلەردە بار ئىرادە يوق. مەن سىلەرنىڭ ئۆز دەۋايىڭلاردىن ۋاز كەچمەسلىكىڭلارنى، كېلەچەكتىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىڭلارنى، د ئۇ ق ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەر ئۈچۈن ئازادلىقنىڭ پۇرسىتى ھامان يارىلىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ قانچىلىك غالىپلىقىنى، خىتاينىڭ د ئۇ ق قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدىن كۆرۈۋالالايسىلەر".

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېتىبارغا ئېلىنىشى، د ئۇ ق نىڭ بۈگۈنكى ئورنىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىكەن.

بۈگۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تارىخىدا يېڭى بىر دولقۇن ياراتقان رابىيە قادىر خانىم رەئىسلىكىدىكى د ئۇ ق ھەققىدە بەس – مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا. 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان "ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى"UNPO نىڭ باش كاتىپى Marino Basduchén ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق خۇلاسىلىغانىدى:

"مەن ئالدى بىلەن، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان ئۇيغۇرلارغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. دۇنيادىكى 200 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسانغا ۋەكالەتلىك قىلىۋاتقان UNPO، بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئەڭ جىددى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز - ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش. دۇنيادا كىشىلىك ھەق – ھوقۇقى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مىللەت بۈگۈن ئۇيغۇرلار بولماقتا. UNPO ھەر قاچان د ئۇ ق نىڭ مۇجادىلىسىگە يار – يۆلەكتە بولىدۇ ۋە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدۇ. UNPO خىتايدا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشقىچە ۋە تاكى ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۆزلىرى قولىغا ئالغۇچە، د ئۇ ق بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىدۇ. بۈگۈنكى د ئۇ ق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى كۈرەشلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان زور بىر سىياسىي نوپۇزغا ئۇلاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن د ئۇ ق دىن ئىبارەت بىر بايراق ئاستىغا جەم بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئازات بىر ۋەتەنگە ئىگە بولۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابلىنىدۇ".

ئىسرائىلىيە ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor ئەپەندى تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرىلا د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ 1995 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيانقى پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۇدى مىللىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇشەققەتلىك كۈرەشلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش نەتىجىسىدە، د ئۇ ق غا بولغان تەكلىپ پىكىرلىرىنى شەرھىلەپ، سۆزىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق تۈگەتكەنىدى:

"ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتكە ئوخشىمايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە شۇئارى بىلەن مۇجادىلە قىلىۋاتقان مىللەتلەر ناھايىتى كۆپ. د ئۇ ق نىڭ بۇ شۇئارنى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ باش تېمىسى قىلىشى ئۇيغۇر مىللىي مەنپىئەتىگە نىسبەتەن زور پايدا بەرمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ھەقىقى مىللىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، باشقىچە بىر ئۇسۇلدا مۇجادىلە قىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى مۇشەققەتلىك دەۋىردە، ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتى قوغداشقا ئالاھىدە ئەجىر سەرىپ قىلىشى، كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئىگە بولۇشقا لايىق ئۇيغۇرلارنى ساقلاپ قېلىشى لازىم. مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش كۆرۈشىمۇ نەتىجە بېرىدىغان بىر كۆرەش. مىللىي ئۆرپ – ئادەت، مىللىي تىل ۋە باشقا خاسلىقلىرىنى قوغداش كۆرۈشىمۇ تەسىر قوزغايدىغان بىر كۆرەش. مۇھىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان د ئۇ ق بۇ ساھەلەرگە ئېتىبار بېرىش بىلەن بىرگە، خەلقئارادىكى كۈرەشلىرىنىڭ ستراتېگىيىسىنى يېڭىلىشى ياكى يېڭى يول ئىزدىشى لازىم".

گېرمانىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئادۋوكات Albrecht Göring ئەپەندى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى ئېلىپ بارغان مۇشەققەتلىك كۈرەشلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، سۆزىنى مۇنداق خۇلاسىلىدى:

"مەن د ئۇ ق نىڭ بۇنچە تىز تەرەققى قىلىشىنى، بۇ قەدەر تىز شۆھرەت قازىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدىم. ئۇيغۇرلار دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بىر دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى ئاجىز بىر مىللەت ئىدى. بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكا كونگېرىسىدىن تارتىپ ياۋروپا پارلامېنتىغا قەدەر ئىچكىرىلەپ كىرىش پۇرسىتىنى ياراتتى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا گېرمانىيە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەبرىكنامە ئەۋەتىشى بۇنىڭ مىسالى. مەشھۇر ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ سورۇنغا جەم بولۇپ، ئۇيگۇرلار ھەققىدە سىستېمىلىق دوكلاتلار تەقدىم قىلىشى بۇنىڭ مىسالى. د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا ئاپپاراتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلىپ قىلىشى بۇنىڭ بىر مىسالى. دېمەك، د ئۇ ق بۈگۈن خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتقا ئايلاندى. ئەمما بۇ ناھايىتى زور مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەرگەنلىكنىڭ، ناھايىتىمۇ زور بەدەللەرنىڭ نەتىجىسى. گېرمانىيە ھۆكۈمېتى ئۇيغۇرلارنى تونۇدى، چۈشەندى. ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇ قاتاردا. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. د ئۇ ق نىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىمەن. مەندە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىچىكىگە نىسبەتەن تېخىمۇ زور بىر ئۈمىد پەيدا بولدى". (ئەكرەم)