د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتى ۋە گېرمانىيە پارلامېنتىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

11 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باۋارىيە پارلامېنتى، گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتلەر ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپلا قالماي، 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 9 – كۈنىگىچە، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر تەكلىپكە بىنائەن يەنە بىر قېتىم ياۋروپا پارلامېنتىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتى، باۋارىيە پارلامېنتى ۋە گېرمانىيە پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، مۇناسىۋەتلىك پارلامېنت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەخمەت ئېيتقان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ ھەقتە، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.