د ئۇ ق بىلەن تۈرك تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى سۆھبەت ئېلىپ باردى


2007.01.08

2007 – يىلى 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن گېرمانىيىدىكى تۆت چوڭ تۈرك تەشكىلاتى بولغان "مىللىي كۆرۈش"، "تۈرك فېدېراتسىيىسى"، "ئۆلكە ئوچىغى" ۋە "ياۋروپا تۈرك – ئىسلام بىرلىكى" تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە د ئۇ ق ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى باش شىتابىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتكە تۈرك تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ھەم ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، "ساباھ گېزىتى" ۋە ATV تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخپىرلىرىمۇ قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە داخىل بولغان تۈرك تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى، 2 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا بولغان چۇڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلدى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۈگۈن خەلقئارالىق بىر مەسىلە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، د ئۇ ق نىڭ خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە جىددىي بىر تېما ھالىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئەجرى ۋە تۆھپىلىرىگە ئاپىرىن ئېيىتتى.

ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەر قاچان، ھەر يەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن چامى يەتكەن دەرىجىدە ياردەم قوللىرىنى سۇنىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئۆز دەردى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشتى. بولۇپمۇ، د ئۇ ق نىڭ خىتايغا قارشى سىياسىي كۈرەشلىرى سېپىدىن ئۆزلىرىنىڭمۇ بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىستىقلال ئارمانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەسسە قوشۇش ئارزۇلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىپادە قىلىشتى ۋە ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭ د ئۇ ق بىلەن مۈرىنى مۈرۈگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈرك تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا، د ئۇ ق نىڭ 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيادا خىتايغا قارشى ئومۇمى يۈزلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قوزغايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ ھەرىكەتكە ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنى يالغۇز ميۇنخېننىڭ ئۆزىدىلا نەچچە مىڭ كىشىلىك بىر نامايىشقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى دۇنياغا جاكارلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر قايسى تۈرك تەشكىلاتلىرى ئۆز تارمىقىدىكى ئورگانلار ۋە ئەزالىرىنى ھازىردىن باشلاپ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى مىيۇنخېن شەھەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ تەسىرىنى يۈكسەك بىر پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇدىغانلىقىغا ۋەدىلەر بېرىشتى.

تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن د ئۇ ق ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كېلەچەك تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقلال غايىسىگە يېتىشىنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ھەققىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇھاكىمىلەرنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى ئىزچىل داۋام قىلىش توغرىسىدا كېلىشىملەر ئىپادە قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.