دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزدى


2007.01.31

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ "5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 10 يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا بىنائەن، بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ خاتىرە كۈننى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈشنىڭ جىددىي تەييارلىقىنى قىلماقتا.

2007 – يىلى 1 – ئاينىڭ 31 – كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ گېرمانىيىدىكى باش شىتابىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى ئورگىنى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ساھىپخانلىقىدا "5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئاخبارات كونفرانسى ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرۇلتاي خىزمەت بىناسىدا چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندىلەر بىلەن بىرگە، باۋارىيە پارلامېنتى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى Margereta Bause خانىم، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ميۇنخېن شۆبىسىنىڭ باشلىقى Jürgen Thirak ئەپەندىم، تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە گېرمانىيىدىكى تۈرك، ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. مەزكۇر ئاخبارات كونفرانسىغا تەكلىپ بىلەن گېرمانىيىدىكى گېزىت – ژورناللارنىڭ كۆپلىگەن مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

غۇلجا ۋەقەسى تونۇشتۇرۇلغان

ئاخبارات يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى نۇقتىلىق ھالدا 1997 – يىلى 5 – فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىشنى قانلىق باستۇرۇپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ھاياتىدىن ئايرىغانلىقى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىپ، ھازىرغىچە خىتاي زىندانلىرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىك بىلەن قىيناۋاتقانلىقى ۋە يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىگە سەرسان – سەرگەردان بولۇپ قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەمەلىي پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ يىل ئەنە شۇ پاجىئەلىك ۋەقەنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەنلىكى، بۇ كۈننى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن 3 – فېۋرال كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە نەچچە مىڭ كىشىلىك بىر نامايىش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى نامايىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت تېررورى سىياسىتىنى ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسىغا، جۈملىدىن گېرمانىيە خەلقىگە يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە تونۇتۇشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

يېشىللار پارتىيىسى خىتاي كۇنسۇلىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى ئۇستىدىن ئەرز سۇنغان

باۋارىيە پارلامېنتى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى Margereta Bause خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، نۇقتىلىق ھالدا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ گېرمانىيىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيىدە قانۇنلۇق ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قاراتقان سىياسى تۆھمەتلىرى ھەققىدە توختالدى. مارگەرەتا خانىم سۆزىدە، 2006 – يىلى 11 – ئايدا چاقىرىلغان Dunya Uyghur Qurultiyi ھارپىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ باۋارىيە شتاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامېنت ۋە پارتىيىلەر رەھبەرلىرى بىلەن ئالاھىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات بەرگەنلىكىنى ۋە شۇ قاتاردا ئۆزى بىلەنمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى خاتىرلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى باش كونسۇلۇسى ياڭ فامىلىلىك خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇشتىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىپ، "سىلەر شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ۋە تېررورىست تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچراشماقچى بوپسىلەر، ھەتتا ئۇلارنىڭ قۇرۇلتىيىغىمۇ بارماقچى بوپسىلەر، بىز ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇرۇلتايغا چاقىرىپ ئەۋەتكەن تەكلىپنامىسىنى قولغا چۈشۈردۇق، ئەگەر ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلساڭلار، بۇ گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى تېررورىست تەشكىلاتلار" دېگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولسا دەرھال گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تېلېفۇن قىلىپ، "گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تېرورىستمۇ ؟ " دەپ سورىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن، "بۇ پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشى، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىچىدە تېررورىست تەشكىلات يوق، ئۇلار گېرمانىيىدە قانۇنلۇق قۇرۇلۇپ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن ئىبارەت" دېگەن جاۋابنى ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

Margereta خانىم سۆزىدە يەنە، بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كونسۇلىنى جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، باۋارىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن خىتاي كونسۇلىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن يېشىللەر پارتىيىسىگە ئەۋەتىلگەن تەكلىپنامىنى قانداق قىلىپ ئالدىن قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئەنىقلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي كونسۇلخانىسىنى "جاسۇسلۇق جىنايىتى" بىلەن گېرمانىيە سوت مەھكىمىسىگە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ب د ت نىزامنامىلىرىغا ئۇيغۇن

مارگەرەتا خانىم، گېرمانىيە يېشىللەر پارتىيىسى نامىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى، شۇ قاتاردا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ميۇنخېن شۆبىسىنىڭ باشلىقى Jürgen Thirak ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان مىللىي زۇلۇملىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ زورىيىشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا "تەررورىست" دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ، خەلقئارا سىياسى سەھنىلەردە ئۇلارنى قارىلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.