0:00 / 0:00
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھىرىدە زىيارەت ئېلىپ باردى. ئۇ، بۇ زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇلار بىلەن ھەر خىل تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركىيىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.